
گۇڭئەن مىنىستىرلىقى تور بىخەتەرلىكى ئىدارىسى 7-ئاينىڭ 13-كۈنى توردىكى كەلكۈنگە، ئاپەتكە چېتىشلىق پىتنە-ئىغۋاللارغا چېتىشلىق قانۇنغا خىلاپ 25 تىپىك دېلو مىسالىنى ئېلان قىلدى. بۇ 25 تىپىك دېلو مىسالى گۇاڭدۇڭ، گۇاڭشى، جېجياڭ، خۇبېي قاتارلىق نۇرغۇن جايلارغا چېتىلىدۇ، قىسمەن تورچىلار شەخسىي مەنپەئەتنى كۆزلەپ، كەلكۈنگە، ئاپەتكە چېتىلىدىغان ساختا مەزمۇنلارنى يامان نىيەتتە ئويدۇرۇپ چىقىرىپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە ئېغىر كاشىلا قىلىپ، ناچار تەسىر پەيدا قىلدى، گۇڭئەن ئورگىنىنىڭ تور بىخەتەرلىكى تارماقلىرى تېزدىن ھەرىكەتكە كېلىپ، قاتتىق زەربە بېرىپ، جەمئىي تۆت ئادەمنى جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويدى، 23 ئادەمگە مەمۇرىي جازا بەردى، ئالاقىدار ھېسابات نومۇرلىرى سۇپا تەرىپىدىن پېچەتلىنىپ بىر تەرەپ قىلىندى.
تور ساقچىلىرى شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، تور قانۇننىڭ سىرتىدىكى جاي ئەمەس، كەڭ تورچىلار توردىكى سۆز ـ ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇشى، ئېقىم مىقدارىغا ئېرىشىش، دىققەتنى تارتىش ئۈچۈن يۆتكەش، بىرىكتۈرۈش ياكى AI يۇمشاق دېتالى قاتارلىق ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىپ كەلكۈنگە، ئاپەتكە چېتىلىدىغان ساختا مەزمۇنلارنى ئويدۇرۇپ چىقارماسلىقى، پاكىز تور بوشلۇقىنى ئورتاق بەرپا قىلىشى كېرەك.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ