دۆلىتىمىزدە ئوقۇغۇچى مەنبەسى رايونى ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلىدىن جەمئىي 620 مىليارد 700 مىليون يۈەن تارقىتىلغان

2026.07.13 14:55 مەنبە: خەلق تورى

مۇخبىرنىڭ مائارىپ مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل ئوقۇغۇچى مەنبەسى رايونى ئىناۋەتلىك ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلى تەسىس قىلىنغانلىقىغا 20 بولغان. 20 يىلدىن بۇيان، دۆلىتىمىزدە ئوقۇغۇچى مەنبەسى رايونى ئىناۋەتلىك ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلىدىن جەمئىي 620 مىليارد 700 مىليون يۈەن تارقىتىلغان، 68 مىليون 210 مىڭ ئادەم قېتىم ئوقۇش ياردىمى بېرىلگەن.

2007-يىلىدىكى گەنسۇ، جياڭسۇ، خۇبېي، چۇڭچىڭ، شەنشىدىن ئىبارەت بەش ئۆلكە، شەھەردە نۇقتىدا سىناق قىلىشتىن بۈگۈنكى كۈندە پۈتۈن مەملىكەتنى قاپلىغانغا قەدەر، مائارىپ مىنىستىرلىقى مالىيە مىنىستىرلىقى، پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش باش ئىدارىسى، جۇڭگو خەلق بانكىسى قاتارلىق تارماقلار بىلەن بىرلىكتە، دۆلەتنىڭ ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلى سىياسىتىنى سىجىل مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قەرز پۇل سوممىسىنى ئۆستۈرۈش، ئىشلىتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىش، قەرز پۇل ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش، مەكتەپتە تولۇق سوممىلىق ئۆسۈم ياردىمى بېرىش، دىرىنى قايتۇرۇش مۇددىتىنى ئۇزارتىش، ئىناۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قاتارلىق ئىللىقلىق يەتكۈزۈش مۇلازىمىتىنى بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق، ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش ئەندىشىسىنى تۈگىتىپ، كەڭ ئوقۇغۇچىلارنى ئىمتىھاندىن ئۆتەلىسىلا، ئوقۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ