
7-ئاينىڭ 9-كۈنى، فۇجيەن ئۆلكىسى چۈەنجوۋ شەھىرى جىنجياڭ شەھىرى چېندەي بازىرىدىكى بىر ئاياغ زاۋۇتىدا زور ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ، 28 ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. گوۋۇيۈەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتى بۇ قېتىمقى زور ئوت ئاپىتىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشقا ۋىۋىسكا ئېسىپ ھەيدەكچىلىك قىلىشنى قارار قىلدى ھەمدە دۆلەت ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىش ئىدارىسى باشچىلىقىدا نەق مەيداندا بېجىرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئەۋەتىپ، فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشىغا ھەيدەكچىلىك ۋە يېتەكچىلىك قىلىپ، فۇجيەن ئۆلكىسىدىن ئالاقىدار قانۇن-نىزام ۋە قائىدىلەردىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، تەكشۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، ئوت كېتىش سەۋەبى ۋە باشقۇرۇش سەۋەبىنى تېزدىن ئېنىقلاپ، ئوت ئاپىتىنىڭ خاراكتېرىنى توغرا بېكىتىپ، مەسئۇلىيەتنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، بىر تەرەپ قىلىش پىكرى ۋە تۈزىتىش تەدبىرلىرىنى كەسكىن ئوتتۇرىغا قويۇشنى تەلەپ قىلدى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ