
«يېڭى دەۋر، يېڭى سەپەردە پارتىيەنىڭ بۇرچ-ۋەزىپىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش بارلىق جۇڭگو كوممۇنىستلىرىدىن ئىشەنچنى چىڭىتىپ، داۋاملىق كۈرەش قىلىپ، دەۋر ۋە خەلققە يۈز كېلەلەيدىغان يېڭى نەتىجىلەرنى ئۈزلۈكسىز يارىتىشنى تەلەپ قىلىدۇ.» 7-ئاينىڭ 1-كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 105 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا شۇنداق تەكىتلىدى.
«توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىشنى ئەڭ ئاخىرىدا خەلققە بەخت يارىتىشتا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.» 6-ئاينىڭ 24-كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ شەندۇڭ دېجوۋدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق كۆرسەتتى: «كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار خەلق چاكىرىلىق ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، خەلقچىل ھېسسىياتنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇپ، ئامما ئۈچۈن كۆپرەك ياخشى ئىش، ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىپ، قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ بېرىپ، پۇقرالارنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىشى كېرەك.»
ئېسىل ئىستىل ئارقىلىق قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، خەلق ئۈچۈن سىياسىي نەتىجە يارىتىش، ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق سىياسىي نەتىجە يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئۆزگەرمەس ئەسلىي مەقسىتىنى نامايان قىلىش كېرەك.
باش شۇجى شى جىنپىڭ 2025-يىلى 12-ئايدا، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى: «كوممۇنىستلارنىڭ ماتېرىيالىزمچى، ئەمەلىيەتچىل بولۇشى زۆرۈر پەزىلەت، جەزمەن ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، راستچىل-ئەمەلىيەتچىل بولۇش، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەش كېرەك.»
بۇ سۆزلەر ئاددىي، ئەمما كۈچلۈك بولۇپ، خەلق داھىيسىنىڭ ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان خەلقنىڭ مەيدانى، پارتىيەنى قاتتىق باشقۇرۇش، پارتىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىش ئىرادىسى، غەيرىتى ۋە بۇرچى، مەسئۇلىيەتچانلىقى نامايان قىلىنغان، بۇ دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتىكى بىلىش نەزەرىيەسى، مېتودولوگىيە، ئەمەلىيەت نەزەرىيەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.
ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ ئىدىيە ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، خەلققە بەخت يارىتىشتىكى سىياسىي مەسئۇلىيەتچانلىقنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى.
ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش ماركسىزمنىڭ جەۋھىرى، ھەممىدە ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇش بىزنىڭ مەسىلىلەر ئۈستىدە ئويلىنىشىمىز، تەدبىر بەلگىلىشىمىز، ئىش بېجىرىشىمىزنىڭ مەۋقەسى ۋە مەقسىتى. 2024 ـ يىل 3 ـ ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ خۇنەندە تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: «ھەرقانداق خىزمەتنى تۇتۇش، ئاممىغا ھەرقانداق ئىشنى قىلىپ بېرىشتە ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش كېرەك.»
2019-يىل 11-ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ شاڭخەيدە تەكشۈرۈشتە بولغاندا، «خەلقنىڭ شەھىرىنى خەلق قۇرۇش، خەلقنىڭ شەھىرى خەلقنى كۆزلەش» ئىدىيەسىنى تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويغانىدى.
«ئىجارە ھەققى قىممەتمۇ؟» «كېيىنكى قەدەمدە قانداق پىلانىڭلار بار؟» 2023-يىل 11-ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ شاڭخەي مىنخاڭ رايونىدىكى يېڭى دەۋر شەھەر قۇرغۇچىلىرى، باشقۇرغۇچىلىرى ئائىلىسىدە تەكشۈرۈشتە بولغاندا، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ مەھەللىدىكى تۇرالغۇ تىپىدىكى، ياتاق تىپىدىكى ئىجارە ئۆيلەرنى ئىجارىگە ئالغۇچىلارنىڭ تۇرالغۇسى ۋە ئاممىۋى ئاشخانا، ئاممىۋى كىر يۇيۇش ئۆيى قاتارلىق ھەمبەھرە بوشلۇققا كىرىپ، بۇ يەردە ئولتۇرۇۋاتقان شەھەرنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى خىزمەتچىلەرنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلەپ، «شەھەر يۈكسەكلىككە ئىگە بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى ئىللىقلىققا ئىگە بولۇشى كېرەك» دەپ تەكىتلىدى.
بىر تۈرلۈك خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى خەلقنىڭ مەيدانىنى يورۇتتى. 2025-يىل 9-ئايدا، 14 مىڭدىن ئارتۇق ئائىلە «تەرەت تۇڭى كۆتۈرۈپ يۈرۈش»نى ئۆزگەرتىش ۋەزىپىسى مۇددەتتىن بۇرۇن تاماملاندى، شاڭخەي «تەرەت تۇڭى كۆتۈرۈپ يۈرۈش» بىلەن ئومۇميۈزلۈك خوشلىشىپ، مىليوندىن ئارتۇق ئاھالىگە چېتىلىدىغان «ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى»دە تارىخىي خاراكتېرلىك غەلىبە قىلدى.
شاڭخەيدە خىزمەت قىلغاندا، يولداش شى جىنپىڭ «كونا رايونلارنى ئۆزگەرتىشتە چوقۇم ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك، پۇقرالارنىڭ يەنە مۇشۇنداق كونا ئۆيلەردە تۇرمۇش كەچۈرۈشىگە قاراپ تۇرۇشقا بولمايدۇ» دەپ ئوتتۇرىغا قويدى؛ مەركەزگە بېرىپ خىزمەت قىلغاندىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ يەنە مۇنداق تەكىتلىدى: «بۇ ئىش ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئەتىگە ۋە شەھەرنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك تەرەققىياتىغا چېتىلىدۇ، ھەرقانچە قىيىن بولسىمۇ ئامال قىلىپ ھەل قىلىش كېرەك.»
راستچىل ـ ئەمەلىيەتچىل بولۇش ئىلمىي ئۇسۇل بىلەن تەمىنلەپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈشتىكى تاللاشنى كۆرسىتىپ بەردى.
«شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈشنىڭ ماھىيىتى ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشتۇر.» راستچىل-ئەمەلىيەتچىل بولۇش دېگەنلىك تۈرلۈك-تۈمەن مۇرەككەپ رېئاللىق ئىچىدە قانۇنىيەتنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، تومۇرنى دەل جايىدا تۇتۇش دېگەنلىكتۇر. يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشتا ھھە-ھۇ بىلەنلا ئىش قىلىشقا بولمايدۇ، ئېكولوگىيەنىڭ چېكىنىشىدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى تۈزەشتە «ئورمان بىنا قىلىشقا ماس كەلسە ئورمان بىنا قىلىش، ئوت-چۆپ ئۆستۈرۈشكە ماس كەلسە ئوت-چۆپ ئۆستۈرۈش، قۇملۇق بولۇشقا ماس كەلسە قۇملۇق پېتى قالدۇرۇش، ئاق قالدۇرۇشقا ماس كەلسە ئاق قالدۇرۇش كېرەك؛ سۇ بايلىقىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشتا «سۇغا ئاساسەن شەھەرنى بېكىتىش، سۇغا ئاساسەن يەرنى بېكىتىش، سۇغا ئاساسەن ئادەمنى بېكىتىش، سۇغا ئاساسەن كەسىپنى بېكىتىش كېرەك، بۇنىڭدىكى ئاچقۇچ قانۇنىيەتكە ھۆرمەت قىلىش، قانۇنىيەت بويىچە ئىش قىلىشتا.
2025 -يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ يېزىلاردىكى ھاجەتخانىلارنى ئۆزگەرتىشتىن ئىبارەت خەلق تۇرمۇشىدىكى كىچىك ئىش ئۈستىدە توختالغاندا ئىنچىكە كۆزىتىپ مۇنداق دېدى: جەنۇب بىلەن شىمالنىڭ پەرقى شۇنچە چوڭ تۇرسا، ھاجەتخانىلارنى ئۆزگەرتىشتە بىرلا ئەندىزە بولسا قانداق بولىدۇ؟ ھېچقانچە ئائىلە يوق چوڭ چۆللۈكتە ئۆلچەملىك ھاجەتخانا ئىشلىتىشنىڭ زۆرۈرىيىتى بارمۇ؟ خەلق رايى قۇرۇلۇشىنى خەلق نارازىلىقى قۇرۇلۇشىغا ئايلاندۇرۇپ قويۇشقا بولمايدۇ.
«يىۋۇنىڭ ئۇششاق تاۋارلىرى چوڭ بازارلارنى ئېچىپ، چوڭ كەسىپلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، يىۋۇنىڭ تەرەققىيات تەجرىبىسىنى شەكىللەندۈردى، بۇ،شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ ناھىيە ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيىتى.» باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم يوليورۇق بېرىپ شۇنداق تەكىتلىدى. ئەينى يىلى جېجياڭدا، يولداش شى جىنپىڭ «تېز ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقان بالىلارغا چوڭراق كىيىم كىيدۈرۈش كېرەك» دېگەن جانلىق ئوخشىتىش ئارقىلىق ۋاقىتقا قاراپ ئىلگىرىلەش، ۋەزىيەتكە قاراپ يېڭىلاشتەك تەرەققىيات قانۇنىيىتىنى بايان قىلىپ بەرگەنىدى. بۈگۈنكى كۈندە، «بىر تال يىڭنە پۈتۈن دۇنيانى قاپلاش»تەك كۆڭۈل قويۇشتىن ئۇچقاندەك كېتىۋاتقان جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزلىرىغىچە، يىۋۇ كەمتۈكلۈكنى ئارتۇقچىلىققا ئايلاندۇردى.
ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەش ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشنىڭ نۇقتىسىنى بېكىتىپ، خەلق ئۈچۈن مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشنىڭ نىشان ئىنتىلىشىنى نامايان قىلىپ بەردى.
ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەش ئىلمىي تەدبىر بەلگىلەشنى ئەمەلىي نەتىجىگە ئايلاندۇرۇشتىكى توغرا يول «زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئەمەلىي ئىشلەشكە تايىنىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئەمەلىي ئىشلەشكە تايىنىش كېرەك. ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇش ۋە ئۇنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشتىكى سىنتاش. «ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇشنى ئويلاش-ئويلىماسلىق، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇشقا جۈرئەت قىلىش-قىلالماسلىق، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇشنى بىلىش-بىلمەسلىك ھەرىكىتىمىزنى سىنايدۇ، ئىقتىدارىمىزنى سىنايدۇ.»
باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «چاڭجياڭ دەرياسىدا بېلىق تۇتۇشنى چەكلەش ئومۇمىيەت خاراكتېرلىك پىلان، ئەۋلادلارغا نەپ يەتكۈزىدىغان مۇھىم تەدبىر.» 2021-يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، چاڭجياڭ دەرياسىدا بېلىق تۇتۇشنى ئون يىل چەكلەش ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلدى، 231 مىڭ بېلىقچى مەھسۇلات مىقدارىنى ئۆزگەرتىپ ئىشقا ئورۇنلاشتى، بىرنەچچە يىلدىن بۇيان، چاڭجياڭ دەرياسىدا بېلىق تۈرىدىن 43 خىلى كۆپىيىپ، چاڭجياڭ دېلفىنى1400 تىن كۆپرەككە يەتتى. چەكلەنگىنى كۆز ئالدىدىكى مەنپەئەتنى قوغلىشىش، تۇرغۇزۇلغىنى كېيىنكىلەرگە نەپ يەتكۈزۈش − ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەش ئەزەلدىن قۇرۇق توۋلاشتىن كەلگەن ئەمەس.
پولاتتەك قائىدە ئارقىلىق ياخشى ئىستىل تاۋلاندى. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، تۈگىمەس ھۆججەت ۋە ئۈزۈلمەس يىغىننى تۈگىتىپ، بارماق ئۇچىدا قىينىلىشنى تۈزەپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى سىجىل يېنىكلىتىپ، كادىرلارنى تېخىمۇ كۆپ زېھنىنى ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشقا سەرپ قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تاپىلىدى: «باشلامچىلىق بىلەن شەكىلۋازلىققا قارشى تۇرۇپ، ئەمەلىي ئىشلەشكە ئەھمىيەت بېرىدىغان، ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلەيدىغان قويۇق كەيپىيات شەكىللەندۈرۈش كېرەك.»
ھەقىقەت يولى ئاددىي، ئەمەلىي ئىشلەش ھەممىدىن مۇھىم. يېڭى سەپەر شان-شەرەپ ۋە ئارزۇغا تولغان ئۇزۇن سەپەر، تارىخ ئەمەلىي ئىشلىگۈچىلەرنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويمايدۇ. «بىز ئەمەلىي ئىشلەشكە تايىنىپ شانلىق ئۆتمۈشنى ياراتتۇق، يەنە ئەمەلىي ئىشلەشكە تايىنىپ تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتىشىمىز كېرەك. 15-بەش يىلدا جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، قەدەمدە بىر ئىز قالدۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش ئۇلۇغۋار پىلانىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرايلى!
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ