دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى: ئامېرىكىنىڭ جۇڭگو تەرەپنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى سىناپ ئاتقانلىقى توغرىسىدا قالايمىقان بىلجىرلىغانلىقى تىپىك قوش ئۆلچەم قوللانغانلىقىدۇر

2026.07.10 15:00 مەنبە: خەلق تورى

7-ئاينىڭ 9-كۈنى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ماۋ نىڭ قەرەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى، بىر مۇخبىر ئامېرىكىنىڭ جۇڭگو تەرەپنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى سىناپ ئاتقانلىقى ھەققىدە قىلغان سۆزى توغرىسىدا سوئال سورىدى. ماۋ نىڭ مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو تەرەپ كۆپ قېتىم تەكىتلىگەندەك، بۇ قېتىمقى سىناپ ئېتىش ھەرىكىتى يىللىق ھەربىي مەشىقتىكى قەرەللىك ئورۇنلاشتۇرۇش بولۇپ، ئالاقىدار قورال سىستېمىسىنىڭ ئىشەنچلىكلىكى، بىخەتەرلىكى ۋە ئۈنۈملۈكلۈكىنى دەلىللەشنى مەقسەت قىلىدۇ، خەلقئارا قانۇن ۋە خەلقئارا قائىدىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ، ھەرقانداق ئالاھىدە دۆلەت ۋە نىشانغا قارىتىلمايدۇ. جۇڭگو تەرەپ ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى ۋاقتىدا ئېلان قىلىپ، ئېتىشتىن ئاۋۋال ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەرگە ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ، جۇڭگو ئارمىيەسىنىڭ ئوچۇق ۋە ئاشكارا مەيدانىنى نامايان قىلدى. ئامېرىكىنىڭ دۇنيادىكى بىردىنبىر ھەقىقىي يادرو قورال ئىشلەتكەن دۆلەت، شۇنداقلا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ، ئەڭ ئىلغار يادرو قورال ئامبىرىغا ئىگە دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگونىڭ نورمال باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىشى توغرىسىدا قالايمىقان گەپ قىلغانلىقى تىپىك قوش ئۆلچەم قوللانغانلىقى ۋە زومىگەرلىك قىلغانلىقىدۇر.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ