ئۈچ تارماق مەركەزنىڭ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ماددىي ئەشياسىدىن 50 مىڭنى ئاجرىتىپ، جېجياڭ، فۇجيەننىڭ ئاممىنى خەتەردىن ساقلاپ يۆتكەش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش، قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىگە مەدەت بەردى

2026.07.10 15:00 مەنبە: خەلق تورى

7-ئاينىڭ 9-كۈنى، بۇ يىلقى 9-نومۇرلۇق تەيفېڭ بورىنى «باۋېي»دىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش ئېھتىياجىغا ئاساسەن، دۆلەت ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپەتنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش كومىتېتى ئىشخانىسى، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش-باشقۇرۇش مىنىستىرلىقى دۆلەت ئاشلىق ۋە ماددىي ئەشيالارنى زاپاس ساقلاش ئىدارىسى بىلەن بىرلىكتە جېجياڭ، فۇجيەنگە قاتلىما كارىۋات، يازلىق يوتقان-كۆرپە، جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش ئائىلە بوغچىسى قاتارلىق مەركەزنىڭ 50 مىڭ دانە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ماددىي ئەشياسىنى يۆتكەپ كېلىپ، ئاممىنى خەتەردىن ساقلاپ يۆتكەش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش، قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ