
«دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان» ئۈندىدار سالونىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 7-ئاينىڭ 9-كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى، داشياۋ چېن شى يېقىنقى مەزگىلدىكى ئارمىيەگە ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدا خەۋەر ئېلان قىلغان.
مۇخبىر: يېقىندا «يۈن-20» ناملىق ئايروپىلاننىڭ ئەڭ يېڭى تەشۋىقات فىلىمى كىشىلەرنىڭ كەڭ دىققىتىنى قوزغىدى، جۇڭگو ھاۋا ئارمىيەسى ئىستراتېگىيەلىك يەتكۈزۈش كۈچىنىڭ تىپ ئۆزگەرتىپ دەرىجە ئۆستۈرۈشى قىزغىن مۇنازىرە تېمىسىغا ئايلاندى. ئەرەب مۇداپىئە ئىشلىرى تورىدا ئېلان قىلىنغان ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: جۇڭگو ھاۋا ئارمىيەسى ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيەسىدىن قالسىلا دۇنيا بويىچە 2-چوڭ ھاۋا ئۇرۇشى كۈچىگە ئايلاندى. بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىسىز؟
چېن شى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو ھاۋا ئارمىيەسى «ھاۋا-ئالەم بوشلۇقىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش، ھۇجۇم بىلەن مۇداپىئە ئىقتىدارىنى تەڭ ھازىرلاش»تەك ئىستراتېگىيەلىك تىپ ئۆزگەرتىشنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلىگە كىردى. جيەن-20، جيەن-16، جيەن-10 قاتارلىق يېڭى تىپتىكى ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ ئۇچۇشقا ھازىرلىنىپ جەڭ تەييارلىقىدا تۇرۇشىدىن «يۈن-20» يۈرۈشلۈك ئايروپىلانلىرىنىڭ ئۇچۇش يوللىرىنى كېڭەيتىشىگىچە، يەنە بومباردىمانچى ئايروپىلان، ئاگاھلاندۇرۇش ئايروپىلانى قاتارلىقلارنىڭ سىستېمىلىق تىرەك بولۇشىغىچە، ھاۋا-ئالەم بوشلۇقىدا ئىستراتېگىيەلىك زەربە بېرىش ئىقتىدارى، ئىستراتېگىيەلىك ئالدىن سىگنال بېرىش ئىقتىدارى، ھاۋا-ئالەم بوشلۇقى مۇداپىئە ئىقتىدارى، ئىستراتېگىيەلىك يەتكۈزۈش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز تاۋلاپ ئۆستۈردى. جۇڭگو ھاۋا ئارمىيەسى ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، قىزىل تومۇرغا ۋارىسلىق قىلىپ، كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ كۈچ سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى قەدىمىنى تېزلىتىپ، باشتىن-ئاخىر دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئەتىنى قوغدايدىغان «كۆك ئاسمان سېپىلى» بولۇپ، باتۇرلۇق بىلەن ۋەتەننىڭ ھاۋا-ئالەم بوشلۇقى خەۋپسىزلىكى ۋە رايون تىنچلىقى، مۇقىملىقىنىڭ قەتئىي قوغدىغۇچىسى بولىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ