
گۇڭئەن مىنىستىرلىقى ۋېيشىن سالونىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 2026-يىلىدىن بۇيان، پۈتۈن مەملىكەتتىكى گۇڭئەن ئورگانلىرى 1900 دىن ئارتۇق تور خاككېرلىقى جىنايەت دېلوسىنى، 8000 دىن ئارتۇق توردا پىتنە-ئىغۋا تارقىتىش دېلوسىنى رازۋېدكا قىلىپ بېجىرىپ، قانۇن-بەلگىلىمىگە خىلاپ 23 مىڭدىن ئارتۇق ھېسابات نومۇرىنى تاقاپ، 500 مىڭدىن ئارتۇق قانۇنغا خىلاپ زىيانلىق ئۇچۇرنى تازىلىغان.
ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولۇۋاتقان توردىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە قارىتا، گۇڭئەن ئورگىنىنىڭ تور بىخەتەرلىكى تارماقلىرى «تورنى ساپلاشتۇرۇش» قاتارلىق مەخسۇس ھەرىكەتلەرنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، توردىكى قانۇن-بەلگىلىمىگە خىلاپ تۈرلۈك قىلمىشلارنى مەركەزلىك تۈزەپ، بىر تۈركۈم تىپىك دېلولارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، بەلگىلىمىگە خىلاپ بىر تۈركۈم سۇبيېكتلارنى ئاشكارىلاپ، بىر تۈركۈم يوشۇرۇن خەۋپ-خەتەرنى تۈزەپ، تور ئېكولوگىيەسىنىڭ مۇھىتىنى سىجىل ساپلاشتۇردى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ