ئۈرۈمچى تىيانشان خەلقئارا ئايروپورتىنىڭ باج كەچۈرۈم قىلىش دۇكىنى تىجارەت باشلىدى

2026.07.09 13:50 مەنبە: خەلق تورى

7-ئاينىڭ 8-كۈنى، ئۈرۈمچى تىيانشان خەلقئارا ئايروپورتىنىڭ باج كەچۈرۈم قىلىش دۇكىنى رەسمىي تىجارەت باشلىدى، بۇ، ئايروپورتنىڭ كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئاسىيا ـ ياۋروپا خەلقئارا ئىستېمال كۆرگەزمە مەركىزى بەرپا قىلىش، خەلقئارالىق ئايروپورتنىڭ يۈرۈشتۈرمە كەمتۈكلۈكىنى تولۇقلاشتىكى ئاچقۇچلۇق تەدبىرى بولۇپ، ئۈرۈمچى ئايروپورت مۇلازىمەت سىستېمىسىنىڭ كۆپ خىللىشىش، كەسىپلىشىش، خەلقئارالىشىش يۆنىلىشىگە قاراپ ئاچقۇچلۇق قەدەم تاشلىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

ئۈرۈمچى تىيانشان خەلقئارا ئايروپورتىنىڭ باج كەچۈرۈم قىلىش دۇكىنىنىڭ كۆلىمى جەمئىي 1155 كىۋادرات مېتىر بولۇپ، ئۈرۈمچى تىيانشان خەلقئارا ئايروپورتىنىڭ خەلقئارا يولغا چىقىش زالى ۋە خەلقئارا يېتىپ كېلىش زالىغا جايلاشقان. «تۈر جەھەتتە، كۆپچىلىككە تونۇشلۇق بولغان دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن ۋە ئىمپورت قىلىنغان ھاراق-تاماكىدىن باشقا، يەنە كۆپ خىل خەلقئارا داڭلىق ماركىلىق ئەتىر ۋە تېرە ئاسراش بۇيۇملىرى كىرگۈزۈلگەن، ئەڭ مۇھىمى تاۋار باھاسى بازار ئومۇمىي باھاسىدىن %10 تىن %30كىچە تۆۋەن. دۇكاننىڭ سېتىشنى تېزلىتىش پائالىيىتىنى قوشقاندا، ئېتىبار بېرىش سالمىقى تېخىمۇ چوڭ بولىدۇ.

ئۈرۈمچى تىيانشان خەلقئارا ئايروپورتى باج كەچۈرۈم قىلىش دۇكىنىنىڭ مەسئۇلى مېڭ شىنياڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: يولۇچىلار شۇ كۈندىكى ئايروپىلانغا چىقىش كارتىسى ۋە چېگرا تەكشۈرۈش رەسمىيىتىنى بېجىرگەن پاسپورتى بولغاندىلا سېتىۋالالايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ