سىچۈەننىڭ يىبىن شەھىرى گاۋشيەن ناھىيەسىدە 4.8 بال يەر تەۋرىدى، تالاپەت كۆرۈلگەنلىك توغرىسىدا ۋاقتىنچە دوكلات تاپشۇرۇۋېلىنمىدى

2026.07.09 13:51 مەنبە: خەلق تورى

جۇڭگو يەر تەۋرەشنى كۆزىتىش ئىستانسىسى تورىنىڭ رەسمىي ئۆلچەپ بېكىتىشىگە ئاساسلانغاندا، 7-ئاينىڭ 9-كۈنى سائەت 7دىن 44 مىنۇت ئۆتكەندە، سىچۈەننىڭ يىبىن شەھىرى گاۋشيەن ناھىيەسى (شىمالىي كەڭلىك 28.51 گىرادۇس، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 104.68 گىرادۇس)دە 4.8 بال يەر تەۋرىگەن. گاۋشيەن ناھىيەسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە تالاپەت كۆرۈلگەنلىك توغرىسىدا دوكلات تاپشۇرۇۋالمىدۇق. مۇخبىر شۇ جايدا روشەن تەۋرىنىشنى ھېس قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ