مەركىزىي كومىتېت سىياسىي-قانۇن كومىتېتى 2026-يىلى 2-پەسىللىك ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسەتكەن ئەزىمەتلەر تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى

2026.07.09 13:51 مەنبە: خەلق تورى

7-ئاينىڭ 9-كۈنى، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي-قانۇن كومىتېتى بېيجىڭدا 2026-يىلى 2-پەسىللىك ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسەتكەن ئەزىمەتلەر تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى. ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسىتىش تىپىك ئىش ئىزلىرىنىڭ گەۋدىلىنىش دەرىجىسى، جايلارنىڭ قانۇن بويىچە بېكىتىشى ۋە ئىلتىماس قىلىش پىكرى، توردا كۆڭۈل بۆلۈش دەرىجىسىگە ئاساسەن، ئۇنىۋېرسال باھالاپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلدى، ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسەتكەن 86 نەپەر ئەزىمەت ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىلىپ تەقدىرلەندى ۋە مۇكاپاتلىنىپ ھال سورالدى.

جەي شۇەي، ليۇ شياۋشېن، ليەن تيەنيې، پەن جاۋبىن، جاڭ ۋېي، دېڭ گېنزەي، لەي گوچىڭ، زېڭ ۋېنچياڭ، لو مىڭخېڭ، ئابلىكىم بارات قاتارلىق 17 يولداش دۆلەت مەنپەئەتى ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ ھايات بىخەتەرلىكى ۋە مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن، كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، باتۇرلۇق بىلەن جىنايەت گۇماندارلىرىنى بويسۇندۇرغان، ئۇلارنىڭ باتۇرانە ھەرىكىتى كىشى قەلبىنى ئىلھاملاندۇرىدۇ. شۈ چۇاڭ، جاۋ تيەنيۈەن، چېن چىڭخۇڭ، گاۋ ۋۇ، چېڭ ئەيخۇا، تاڭ شياۋفېڭ، ۋاڭ چېڭبىن، جاڭ جيەن، ليۇ زۇڭيۈ، جياڭ جىۋېن، يۈەن يۈەن، ليۇ يىڭچياڭ، جىن شياۋۋۇ، جېڭ شېڭ، ۋاڭ دوخۇڭ قاتارلىق 69 نەپەر يولداشنىڭ جىددىي ئېقىن، خەتەرلىك ساھىل، كۈچلۈك ئوت ئەھۋالى، يەر تەۋرەشتە گۈمۈرۈلۈش قاتارلىق ھايات ـ ماماتلىق خەۋپ-خەتەرلەرگە بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، خەۋپ-خەتەردىن قورقماي، جان پىدالىق بىلەن ئادەم قۇتقۇزۇشتەك ئىش ئىزلىرى كىشىنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈرىدۇ.

ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسەتكەن ئەزىمەتلەر تىزىملىكىنى ئېلان قىلىش پائالىيىتىنى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي ـ قانۇن كومىتېتى مەسئۇل بولۇپ ئۇيۇشتۇرغان، جۇڭخۇا ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسىتىش فوندى جەمئىيىتى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان. 2022-يىل 9-ئايدىن بۇيان، ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسەتكەن ئەزىمەتلەر تىزىملىكى 14 قېتىم ئېلان قىلىندى، ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسەتكەن 807 نەپەر ئەزىمەت ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىلىپ تەقدىرلەندى ۋە مۇكاپاتلاندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ