
«ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ <15-بەش يىل>لىق يىرىك پىلانى» 7-ئاينىڭ 9-كۈنى ئېلان قىلىنىپ، «15-بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ يەتتە چوڭ ئاساسىي نىشانى ئوتتۇرىغا قويۇلدى ھەمدە نىشاننىڭ ئىشقا ئېشىشىغا تىرەك بولۇش، تەرەققىياتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى گەۋدىلەندۈرۈشنى چۆرىدەپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىجتىمائىي كاپالەت، ئىختىساسلىقلار، كادىرلار ئىشلىرى، ئەمگەك مۇناسىۋىتى ۋە ئاممىۋى مۇلازىمەتتىن ئىبارەت بەش تۈردىكى 18 مىقدارلاشتۇرۇلغان كۆرسەتكۈچ ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
ئىشقا ئورۇنلىشىش جەھەتتە، يىرىك پىلاندا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: «15-بەش يىل» مەزگىلىدە، شەھەر-بازارلاردا يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ سانى خېلى زور كۆلەمنى ساقلايدۇ، شەھەر-بازارلاردىكى ئىشسىزلاردىن قايتا ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ سانى 25 مىليون كىشى، ئىشقا ئورۇنلىشىشتا قىيىنچىلىقى بارلاردىن ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ سانى 6 مىليون 500 مىڭ كىشى بولىدۇ، شەھەر-بازارلاردىكى تەكشۈرۈلگەن ئىشسىزلىقنىڭ نىسبىتى %5.5 ئىچىدە تىزگىنلىنىدۇ. ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىش خاراكتېرىدىكى كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش 50 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئاشىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە دېھقان ئىشلىگۈچىلەردىن 17 مىليون 500 مىڭ ئادەم قېتىم تەربىيەلەشكە قاتنىشىدۇ.
ئىجتىمائىي كاپالەت جەھەتتە، يىرىك پىلاندا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: «15 ـ بەش يىل» مەزگىلىدە، ئاساسىي ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىش نىسبىتى %95تىن يۇقىرى سەۋىيەدە ساقلىنىدۇ، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى، ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى (كەسىپتە زەخىملىنىش كاپالىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) بويىچە سۇغۇرتىغا قاتناشقانلار سانى ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا 255 مىليون كىشى، 345 مىليون كىشىگە يېتىدۇ، كارخانا (كەسىپ) يىللىق پۇل فوندىنىڭ كۆلىمى 9 تىرىليون يۈەندىن ئاشىدۇ.

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ