
گېزىتىمىز مۇخبىرى «خەلق گېزىتى» (2026-يىل 7-ئاينىڭ 8-كۈنى 1-بەت)
يېقىندا، گۇاڭشى، خۇبېي، گەنسۇ قاتارلىق جايلاردا يامغۇر، بورانلىق ھاۋارايى كۆرۈلۈپ، سۇ ئامبارلىرىدا توسمىنى يار ئېلىپ كېتىش، تاغ گۈمۈرۈلۈش قاتارلىق ئاپەت ئەھۋاللىرى ئارقا-ئارقىدىن يۈز بېرىپ، كىشىلەر ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىدى ۋە ئىقتىسادىي زىيان كېلىپ چىقتى.
باش شۇجى شى جىنپىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ:«خەتەردىن جىددىي قۇتقۇزۇش، ياردەم بېرىش، يارىدارلارنى قۇتقۇزۇش-داۋالاش، ئاممىنى ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى پۈتۈن كۈچ بىلەن تەشكىللەش كېرەك» دەپ كۆرسەتتى، «ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك» دەپ تەكىتلىدى.
ئالاقىدار رايونلار ۋە تارماقلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش مەسئۇلىيىتىنى چىڭ كۆزلەپ ۋە چىڭىتىپ، خەتەردىن جىددىي قۇتقۇزۇش، ياردەم بېرىشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلىدى.
7 -ئاينىڭ 7-كۈنى، دۆلەت كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش باش قوماندانلىق ئىشتابى ئىشخانىسى، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش مىنىستىرلىقى گۇاڭشى، خۇبېي، گەنسۇ قاتارلىق جايلاردىكى كەلكۈن ئەھۋالى، ئاپەت ئەھۋالىنى سىجىل ئورۇنلاشتۇرۇپ، كۆپ تارماقنى بىرلىشىپ كېڭىشىشكە تەشكىللەپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى جانلىق ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ ياخشى ئىشلىدى. دۆلەت كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش باش قوماندانلىق ئىشتابى ئىشخانىسى گۇاڭشىغا قارىتا كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش 2-دەرىجىلىك جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ئىنكاسىنى ساقلىدى؛ دۆلەت ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش كومىتېتى خۇبېي، گەنسۇغا قارىتا دۆلەت ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش 4-دەرىجىلىك جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ئىنكاسىنى يولغا قويۇپ، گۇاڭشىغا قارىتا دۆلەت ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش 4-دەرىجىلىك جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ئىنكاسىنى ساقلاپ، خىزمەت گۇرۇپپىسىنى خۇبېيغا بوران، مۆلدۈر ئاپىتىدىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە يېتەكچىلىك قىلىشقا كۆپەيتىپ ئەۋەتتى؛ جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش مىنىستىرلىقى گەنسۇغا قارىتا دۆلەت گېئو ئاپەت 4-دەرىجىلىك جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ئىنكاسىنى يولغا قويدى، گۇاڭشىغا قارىتا دۆلەت گېئو ئاپەت 3-دەرىجىلىك جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ئىنكاسىنى ساقلىدى.
«مېيشاكې» ناملىق تەيفېڭ بورىنىنىڭ تەسىرىدە، گۇاڭشىدا كەڭ كۆلەمدە ئۇدا قاتتىق يامغۇر ياغدى. گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت خەتەردىن، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، يوشۇرۇن خەۋپنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈش، ئاممىنى يۆتكەش قاتارلىق خىزمەتلەرنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قانات يايدۇردى. 7-ئاينىڭ 7-كۈنى سائەت 20 گىچە، نەننىڭ شەھىرىنىڭ ليۇلەن سۇ ئامبىرى قاتارلىق تۆت سۇ ئامبىرىدا خەۋپ-خەتەر كۆرۈلدى، ئاپەتكە ئۇچرىغان نوپۇس 112 مىڭ بولۇپ، 63 مىڭ ئادەم جىددىي يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇلدى؛ گۇيگاڭ شەھىرىنىڭ داكەي سۇ ئامبىرى قاتارلىق بەش سۇ ئامبىرىدا خەۋپ-خەتەر كۆرۈلۈپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان نوپۇس 132 مىڭدىن ئېشىپ، 53 مىڭ ئادەم جىددىي يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇلدى. گۇاڭشىدا رايون بار 14 شەھەر، 63 ناھىيە، رايون ئاپەتكە ئۇچرىدى، ئاپەتكە ئۇچرىغان نوپۇس 375 مىڭ بولۇپ،130 مىڭ ئادەم جىددىي يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇلدى.
«يوللارنى چىڭ تۇتۇپ جىددىي راۋانلاشتۇرۇڭلار!» «تىزگىنەكلىك ئۇچقۇ يەنە بىرنەچچە قېتىم كۆپرەك ئۇچسۇن، يۆتكىلىدىغان ئامما يەنىلا يېمەكلىك ۋە سۇنى ساقلاۋاتىدۇ! »...7-ئاينىڭ 7-كۈنى چۈشتىن كېيىن، مۇخبىرلار ئاپەتكە ئەڭ ئېغىر ئۇچرىغان رايونلارنىڭ بىرى بولغان نەننىڭ خېڭجوۋ شەھىرى ليۇلەن كەنتىگە كەلگەندە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتى جىددىي قانات يايدۇرۇلۇۋاتاتتى. يول بويى نۇرغۇن ئۆيلەردە كەلكۈننىڭ ئىزى قالغان، قىسمەن بىنالارنى بېسىپ كەتكەن سۇ ئىككى مېتىردىن ئاشقانىدى. ليۇلەن سۇ ئامبىرىدا خەتەرلىك ئەھۋال كۆرۈلگەندىن كېيىن، شۇ جايدىكى بازار، كەنت كادىرلىرى ھەرقايسى تەرەپتىكى قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش كۈچلىرى بىلەن بىرلىشىپ، ئاممىنى يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇش، قاپسىلىپ قالغانلارنى ئىزدەش-قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ماس قەدەمدە قانات يايدۇردى. نۆۋەتتە، خېڭجوۋ شەھىرى نۇرغۇن يېزا-بازاردا ۋاقىتلىق ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسى تەسىس قىلدى.
دۆلەت كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش باش قوماندانلىق ئىشتابى ۋە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش مىنىستىرلىقى، سۇچىلىق مىنىستىرلىقى خىزمەت گۇرۇپپىسى ئەۋەتىپ گۇاڭشىغا بېرىپ جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلىپ، كەسپىي قۇتقۇزۇش كۈچلىرىنى يۆتكەپ گۇاڭشىغا ياردەم بەردى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، مالىيە مىنىستىرلىقى، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش مىنىستىرلىقى قاتارلىق مىنىستىرلىق، كومىتېتلار مەبلەغ ۋە ماددىي ئەشيا ئاجرىتىپ گۇاڭشىغا ياردەم بەردى. 7-ئاينىڭ 7-كۈنى سائەت 20 گىچە، دۆلەت، ئاپتونوم رايون قاتلىمىدىن ئارمىيە، قوراللىق ساقچى قىسىم، ئوت ئۆچۈرۈش-قۇتقۇزۇش، خەلق ئەسكەرلىرى، گۇڭئەن، سەھىيە-ساغلاملىق، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، خەۋەرلىشىش قاتارلىق تۈرلۈك خەتەردىن قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش خادىمىدىن جەمئىي 8342 كىشى، قۇرۇلۇش، قۇتقۇزۇش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدىغان تۈرلۈك ئاپتوموبىلدىن 1700 دىن كۆپرەكى، قېيىق، قۇتقۇزۇش كېمىسى قاتارلىقلاردىن 5700 دىن كۆپرەكى ئاجرىتىلدى، قىزىل كىرېست، كۆك قالقان، كۆك ئاسمان قاتارلىق 40 ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش ئەترىتىدىكى 300 دىن ئارتۇق كىشى سۇ ئامبارلىرىدا خەتەرنى تۈگىتىش، خادىملارنى ئىزدەش-قۇتقۇزۇش، ھۆلچىلىك ئاپىتى خەۋپىنى تۈگىتىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشقا بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇلدى.
«مېيشاكې» ناملىق تەيفېڭ بورىنى ئەتراپىدىكى بۇلۇت سىستېمىسىنىڭ تەسىرىدە، خۇبېينىڭ خۇاڭشى، خۇاڭگاڭ، ئېجوۋ، شيەننىڭ قاتارلىق جايلىرى قاتتىق يامغۇر ۋە گۈلدۈرمامىلىق بورانغا ئۇچرىدى. بۇنىڭ ئىچىدە، خۇاڭگاڭ شەھىرىنىڭ خۇاڭجوۋ رايونىدا قارا قۇيۇن چىقتى، ئەڭ چوڭ شامال سۈرئىتى 15 بالدىن ئاشتى.
7-ئاينىڭ 7-كۈنى چۈشتىن كېيىن، مۇخبىر خۇاڭجوۋ رايونى دۇڭخۇ كوچا باشقارمىسى خۇڭچياۋ مەھەللەغا كەلدى، مەھەللە پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جوۋ بىبو بىر كېچە ئالدىراش يۈرگەن كۆپچىلىكنى باشلاپ ئاھالىلەرنىڭ ئۆيىدىكى چېقىلىپ كەتكەن دېرىزىلەر ۋە ئوغرىدىن ساقلىنىش تورىنى چۇۋۇپ، يولدىكى توسالغۇلارنى تازىلاۋاتاتتى.
خۇبېي ئۆلكىلىك جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش نازارىتىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، 7-ئاينىڭ 7-كۈنى سائەت 7 گىچە، گۈلدۈرمامىلىق بوراندا 14 مىڭ 600 ئادەم ئاپەتكە ئۇچرىغان، 996 ئادەم جىددىي خەۋپتىن ساقلانغان، 246 ئادەم يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان. پۈتۈن ئۆلكىدىكى جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش، قوراللىق ساقچى قىسىم، ئوت ئۆچۈرۈش، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، قاتناش، گۇڭئەن، سەھىيە-ساغلاملىق قاتارلىق تارماقلار 9500 دىن ئارتۇق قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش كۈچى، 700 يۈرۈشتىن ئارتۇق جابدۇقنى ئىشقا سېلىپ، 200 دىن ئارتۇق جايدىكى ۋاقىتلىق توسالغۇلارنى تازىلاپ، زىيانغا ئۇچرىغان 20 دىن ئارتۇق توك يولىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، قاپسىلىپ قالغان 320 دىن ئارتۇق ئاممىنى قۇتقۇزۇپ، يارىلانغان 170 تىن ئارتۇق ئاممىنى جىددىي يۆتكەپ دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ قۇتقۇزۇپ داۋالىغان. خۇاڭشى دايې شەھىرى بازار، كەنت، گۇڭئەن، ئوت ئۆچۈرۈش قاتارلىق جايلاردىكى 900 دىن ئارتۇق پارتىيەلىك كادىرنى بىرىنچى سەپكە چۆكۈپ، نەق مەيداندا ئىزدەش-قۇتقۇزۇش، يارىدارلارنى يۆتكەپ قۇتقۇزۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئىشلەشكە بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرغان.
7-ئاينىڭ 7-كۈنى ئەتىگەندە، گەنسۇ ئۆلكىسى لۇڭنەن شەھىرى داڭچاڭ ناھىيەسىنىڭ نەنخې بازىرى رېنزاڭ كەنتىدە تاغ گۈمۈرۈلۈش يۈزبېرىپ، ئادەملەر قاپسىلىپ قالدى. جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش نىباشقۇرۇش مىنىستىرلىقى خىزمەت گۇرۇپپىسىنى نەق مەيدانغا بېرىپ قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش، بىر تەرەپ قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلىشقا ئەۋەتتى. شۇ جايدىكى ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتى يەتتە ئاپتوموبىلدىكى 40 ئادەمنى نەق مەيدانغا بېرىپ بىر تەرەپ قىلىشقا ئەۋەتتى. دۆلەت بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش مەركىزى دۆلەت بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش چارلاش ئەترىتىدىكى ئىككى ئاپتوموبىلدىكى بەش ئادەمگە يانتۇلۇق رادارىنى ئېلىپ نەق مەيدانغا بېرىپ قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىشكە قاتنىشىش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈردى؛ دۆلەت كان جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش، قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش باش ئەترىتى سىچۇەن سۇ چىقىرىۋېتىش ئەترىتى، سىچۇەن كۆمۈر ئەترىتى، جىڭيۈەن ئەترىتى، دۆلەت خەتەرلىك خىمىيەۋى بۇيۇملارغا دائىر جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش، قۇتقۇزۇش-ياردەم ئەترىتى لەنجوۋ نېفىت خىمىيە ئەترىتىدىكى جەمئىي 120 ئادەمنى يىغىلىپ بۇيرۇق كۈتۈپ، قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش بويىچە ھەرىكەتكە كېلىش تەييارلىقىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈردى.
دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى مەركەز خامچوتى ئىچىدىن 30 مىليون يۈەن مەبلەغنى جىددىي ئورۇنلاشتۇرۇپ، داڭچاڭ ناھىيەسىنىڭ ئاپەت رايونىدىكى ئۇل ئەسلىھەلەر ۋە ئاممىۋى مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىنى ئاپەتتىن كېيىنكى جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ئەسلىگە كەلتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى قوللىدى.
دۆلەت كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش باش قوماندانلىق ئىشتابى ئىشخانىسى 7-ئاينىڭ 7-كۈنى دۆلەت ئاشلىق ۋە زاپاس ساقلاش ئىدارىسى بىلەن بىرلىكتە گۇاڭشىغا تاغار، بىرىكمە يوپۇق يېپىلغان رەخت، مېتال تور ساندۇق، رېزىنكە قولۋاق قاتارلىق مەركەزنىڭ 36 مىڭ پارچىدىن ئارتۇق كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش ماددىي ئەشياسىنى يۆتكەپ بەردى. دۆلەت ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش كومىتېتى ئىشخانىسى، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش مىنىستىرلىقى جىددىيەت ماددىي ئەشيالىرى ھۆكۈمەت-ئىجتىمائىي كاپالەت ھەمكارلىشىپ كاپالەتلەندۈرۈش مېخانىزمى ئارقىلىق ئالاقىدار فوند جەمئىيەتلىرىنى ماسلاشتۇرۇپ، گۇاڭشىغا جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش يېمەكلىكى، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش يورۇتۇش چىرىغى، يامغۇرلۇق كىيىم، يامغۇرلۇق ئاياغ، نەملىكتىن ساقلىنىش سېلىنچىسى قاتارلىقلارغا ياردەم بېرىدىغان ماددىي ئەشيادىن تەخمىنەن 40 مىڭنى كۆپەيتىپ بەردى، ئالدىنقى مەزگىلدە يۆتكەپ بېرىلگەن مەركەز ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش 160 مىڭ پارچە ماددىي ئەشيا گۇاڭشىدىكى ئاپەت يۈزبەرگەن رايونغا يەتكۈزۈپ بېرىلدى.
جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش نىباشقۇرۇش مىنىستىرلىقى دۆلەت ئۇنىۋېرسال ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش قوشۇنىدىكى 1372 كىشى، 270 ئاپتوموبىل، 140 قولۋاقنى گۇاڭشىدا قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشقا ئەۋەتىپ، قاپسىلىپ قالغان 137 كىشىنى قۇتقۇزدى، خەتەرگە يولۇققان 1058 ئاممىنى تارقاقلاشتۇرۇپ يۆتكىدى؛ جۇڭگو ئامانلىق ساقلاش ئېنېرگىيەسى، جۇڭگو تۆمۈريولى، جۇڭگو قاتناش گۇرۇھى، جۇڭگو تۆمۈريول قۇرۇلۇشى گۇرۇھى، جۇڭگو بىناكارلىق گۇرۇھى قاتارلىق مەركەز كارخانىلىرىنىڭ قۇرۇلۇش قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش كۈچىدىن 2200 دىن ئارتۇق كىشىنى كەسپىي جابدۇقلارنى ئېلىپ خادىملارنى يۆتكەش، يوللارنى جىددىي راۋانلاشتۇرۇش، توسمىنى قوغداش قاتارلىق ھەرىكەتلەرنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللىدى.
7-ئاينىڭ 6-كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش ئىدارىسىنىڭ بۇيرۇقىنى تاپشۇرۇۋېلىپ، گۇاڭدۇڭ ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش جىدۇڭ باش ئەترىتى 200 كوماندىر-جەڭچى، 34 ئوت ئۆچۈرۈش ئاپتوموبىلى، 17 قېيىقنى جىددىي يۆتكەپ، گۇاڭشى خېڭجوۋغا ياردەم بېرىشكە ئەۋەتتى. 7-ئاينىڭ 7-كۈنى سائەت 17 گىچە، گۇاڭدۇڭ ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش-قۇتقۇزۇش جىدۇڭ باش ئەترىتى قاپسىلىپ قالغان 287 ئاممىنى يۆتكىدى.
7-ئاينىڭ 7-كۈنى، سۇچىلىق مىنىستىرلىقى گۇاڭشىنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئورۇنلاشتۇردى. سۇچىلىق مىنىستىرلىقى ئۇچۇر مەركىزى دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ كەلكۈندىن قىزغۇچ سېرىق رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى ئېلان قىلدى. جۇجياڭ دەرياسى كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش باش قوماندانلىق ئىشتابى كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ئىنكاسىنى 1-دەرىجىگە ئۆستۈردى، جۇجياڭ دەرياسى كومىتېتى ماس قەدەمدە كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ئىنكاسىنى 1-دەرىجىگە ئۆستۈردى. سۇچىلىق مىنىستىرلىقىنىڭ بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، ئالدىنقى مەزگىلدە ئىككى خىزمەت گۇرۇپپىسىنى ئەۋەتىش ئاساسىدا، ئۈچ خىزمەت گۇرۇپپىسىنى گۇاڭشىغا كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇرۇلۇش خەتىرىنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش خىزمىتىگە ياردەملىشىش ۋە يېتەكچىلىك قىلىشقا كۆپەيتىپ ئەۋەتتى.
جۇڭخۇا خەيرىيەت باش جەمئىيىتى بىرىنچى ۋاقىتتا جەمئىيەتتىكى مېھىر-شەپقەت كۈچلىرىنى جىددىي سەپەرۋەر قىلىپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش بويىچە جەمئىي قىممىتى 50 مىليون يۈەنلىك پۇل، ماددىي بۇيۇم توپلىدى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، بىر تۈركۈم ماددىي ئەشيا جىددىي توپلىنىپ ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونلارغا توشۇلغانىدى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ