
يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى قاتارلىق بەش تارماق «ئاپتونوم رايوننىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەن ساغلاملىقىنى كۈچەيتىش پىلانىنى يولغا قويۇش لايىھەسى» (تۆۋەندە قىسقارتىپ «لايىھە»دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقىتىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەن ساغلاملىقى سەۋىيەسىنىڭ مۇقىم ئۆسۈشىنى سىستېمىلىق ئىلگىرى سۈرۈپ، مائارىپ كۈچلۈك رايونى قۇرۇلۇشىنىڭ ساغلاملىق ئاساسىنى پۇختىلىدى.
«لايىھە»دە ئوقۇتقۇچى، مەيدان، خىراجەت، باھالاشتىن ئىبارەت تۆت جەھەتتىن قوللاش تەدبىرلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش؛ مەخسۇس تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىلىرىنى تولۇق ھەم كۈچلۈك سەپلەپ، تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىلىرىنى يېتىشتۈرۈش، تەربىيەلەشنى كۈچەيتىش تەكىتلەندى؛ ھەرقايسى جايلاردىن مەبلەغنى بىرتۇتاش ئاجرىتىپ، مەكتەپ تەنتەربىيە مەيدان-ئەسلىھەلىرىنى يېڭىدىن قۇرۇپ، ئۆزگەرتىپ ۋە كېڭەيتىپ سېلىپ، مەكتەپتىكى بىكار تۇرغان بوشلۇقنى جانلاندۇرۇپ، «مىكرو تەنھەرىكەت مەيدانى» بەرپا قىلىپ، مەكتەپ تەنتەربىيە مەيدان-سارايلىرىنى ھەپتە ئاخىرى ۋە قىشلىق، يازلىق تەتىلدە ئوقۇغۇچىلارغا ھەقسىز ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش تەلەپ قىلىندى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ