شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەن ساغلاملىقىنى كۈچەيتىش پىلانىنى يولغا قويۇش لايىھەسىنى چىقاردى

2026.07.08 14:28 مەنبە: خەلق تورى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى قاتارلىق تارماقلار يېقىندا ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەن ساغلاملىقىنى كۈچەيتىش پىلانىنى يولغا قويۇش لايىھەسىنى بىرلىكتە بېسىپ تارقىتىپ، مەكتەپلەردىن تەنتەربىيە ئوقۇتۇشى تەلىپىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەكتەپ تەنتەربىيە مۇسابىقە ئىشلىرى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەن ساغلاملىق سەۋىيەسىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئۆستۈرۈشنى سىستېمىلىق ئىلگىرى سۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

لايىھەدە مەكتەپلەردىن تەنتەربىيە ۋە ساغلاملىق دەرسىنى ئومۇميۈزلۈك، تولۇق ئېچىش، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەردىن ھەر كۈنلۈك ئۇنىۋېرسال تەنتەربىيە پائالىيەت ۋاقتى ئىككى سائەتتىن تۆۋەن بولماسلىقنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈش، رادىيو گىمناستىكىسى، كۆز ئاسراش گىمناستىكىسىنى قېلىپلاشتۇرۇپ قانات يايدۇرۇش، ياتاقلىق تۈزۈمدىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئەتىگەنلىك گىمناستىكا تۈزۈمىنى يولغا قويۇش تەلەپ قىلىندى. ئالىي مەكتەپلەردىن داشۆ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تەن ساغلاملىقىنى ئۆستۈرۈش مەخسۇس ھەرىكىتى بويىچە «بىر مەكتەپكە بىر تەدبىر» قوللىنىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، تەنتەربىيە دەرسىنىڭ ئوقۇش ۋاقتى ئۆلچىمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىش، يۇقىرى يىللىقتىكى ئوقۇغۇچىلارغا يۈزلىنىپ كۆپ خىللاشقان تەنتەربىيە دەرسلىكلىرىنى تەسىس قىلىش، سىنىپ ۋە مەكتەپ دەرىجىلىك تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى دائىملىق قانات يايدۇرۇش، دەرس ئىچىدە ئوقۇتۇش بىلەن دەرستىن سىرتقى چېنىقىشنى ئۆزئارا جىپسىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش تەلەپ قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ