ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقان جۇڭگو | شىمالدىكى جياڭنەندە شاللىقلار دولقۇنلاپ تۇرماقتا

2026.07.08 14:34 مەنبە: خەلق تورى

يىنچۇەن تۈزلەڭلىكىدىكى شاللىقنىڭ بوشلۇقتىن تارتىلغان سۈرىتى. خەلق تورى مۇخبىرى لياڭ خۇڭشىن فوتوسى

خەلق تورى، يىنچۇەن، 7-ئاينىڭ 7-كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر لياڭ خۇڭشىن) ھازىر نىڭشيانىڭ خۇاڭخې دەرياسى سۇغىرىش رايونىدىكى تۇتاش كەتكەن شال ئېتىزلىرى، دەريا ساھىلى ۋە تۈزلەڭلىكلەرنىڭ ھەممىلا يېرىدە جۇشقۇن ھاياتىي كۈچ ئۇرغۇدى. خۇاڭخې دەرياسىنىڭ سۈيىنى باشلاپ سۇغىرىشتەك ئۆزگىچە ئەۋزەل شارائىتقا تايىنىپ، يىنچۇەن تۈزلەڭلىكىدە تۇتاش كەتكەن ئەلا سۈپەتلىك شال ئېتىزلىرى بارلىققا كەلدى، يۇمران شال مايسىلىرى قاتمۇقات يېشىللىققا پۈركەندى، سۇ قىرغىقىدا دەل-دەرەخلەر گىرەلىشىپ قاتار تىزىلدى، مۇنبەت دالا، ئۇزۇن دەريا، يىراقتىكى تاغلار بىر-بىرىگە سىڭىشىپ، گىرەلەشمە مەنزىرىنى ھاسىل قىلدى، تومۇز ياز پەسلىدىكى شىمالدىكى جياڭنەن بوستانلىقىدا قاتمۇقات، نەپىس سەھرا يۆگىمە رەسىمى سىزىپ چىقىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ