جۇڭگو ۋەكىلى كىشىلىك ھوقۇقنى باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشتىكى سىياسىي قورال قىلىۋېلىشقا بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى

2026.07.08 14:31 مەنبە: خەلق تورى

جۇڭگونىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق مۇئاۋىن ۋەكىلى سۈن لېي 7-ئاينىڭ 6-كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىدا كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئورنىنى قايتا قاراپ چىقىش قارار لايىھەسىنى ماقۇللىغاندىن كېيىنكى چۈشەندۈرۈش خاراكتېرلىك سۆزىدە مۇنداق بىلدۈردى: بىر دۆلەتتە كىشىلىك ھوقۇقنىڭ بار-يوقلۇقىغا باھا بېرىشنى باشقا دۆلەتنىڭ ئۆلچىمى بىلەن ئۆلچەشكە بولمايدۇ، قوش ئۆلچەم قوللىنىشقا، ھەتتا كىشىلىك ھوقۇقنى باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلىشىشتىكى سىياسىي قورال قىلىۋېلىشقا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى سۇپىسىنى بېسىم ئىشلىتىپ قارشىلىشىدىغان سورۇنغا ئايلاندۇرۇۋېلىشقا تېخىمۇ بولمايدۇ.

سۈن لېي مۇنداق دېدى: جۇڭگو تەرەپ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنى كېڭىشىپ بىرلىككە كەلگەن «كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئورنى» توغرىسىدىكى قارار لايىھەسىنى ماقۇللاپ، كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىنىڭ قوشۇمچە ئاپپاراتىلىق ئورنىنى ساقلاپ قېلىشىنى قارشى ئالىدۇ. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئاساسلىق كىشىلىك ھوقۇق ئاپپاراتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى كىشىلىك ھوقۇق قارالمىسىنى مۇزاكىرە قىلىدىغان، كىشىلىك ھوقۇقنى ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يادرولۇق سۇپىلارنىڭ بىرى.

ئەمەلىيەت شۇنى بىلدۈردىكى، كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ھازىرقى ئورنى، خىزمەت ھوقۇقى ئىش تەقسىماتى ئۇنىڭ خىزمەت ئېھتىياجىنى تامامەن قاندۇرالايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ خىزمىتىدە سىياسىيلاشتۇرۇش، قوراللاشتۇرۇش مەسىلىسى گەۋدىلىك بولۇپ، ئۇنىڭ خىزمىتىنىڭ ئادىللىقى، ئوبيېكتىپلىقى ۋە تاللاشقا بولمايدىغانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئەزا دۆلەتلەر دۇچ كەلگەن ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان، تەخىرسىز ۋەزىپە بولۇپ قالدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ