يىلان بېقىش مەيدانىدىن يىلان چىقىپ كەتتىمۇ؟ گۇاڭشىنىڭ گۇيگاڭ شەھىرى: بۇ خەۋەر ساختا، پىتنە-ئىغۋا

2026.07.08 14:30 مەنبە: خەلق تورى

«گۇيگاڭ تەشۋىقات» ۋېيشىن سالونىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، گۇاڭشىنىڭ گۇيگاڭ شەھەرلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسى 7-ئاينىڭ 7-كۈنى كەچتە بىر چۈشەندۈرۈش ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: 7-ئاينىڭ 7-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، توردا «گۇيگاڭ باغچە كۆرگەزمىسى ئەتراپىدىكى يىلان بېقىش مەيدانىدا يىلان چىقىپ كەتتى» دېگەن سىن ۋە سۈرەتلىك ئۇچۇر تارقىلىپ، شەھەر ئاھالىلىرىنى ئەندىشىگە سالدى. گۇيگاڭ شەھەرلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسى جىددىي تەكشۈرۈش ئارقىلىق، بۇ خەۋەرنىڭ ساختا، پىتنە-ئىغۋا ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈردى.

چۈشەندۈرۈشتە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ توردا تارقالغان مەزمۇن گۇيگاڭدا يۈز بەرمىگەن، باشقا شەھەر، ناھىيەلەرنىڭ خەۋىرى بولۇپ، ئايرىم تورداشلار يامان غەرەزدە كېسىپ كىرىشتۈرۈپ، ئورۇننى ئۆزگەرتىۋەتكەندىن كېيىن، گۇيگاڭنىڭ يەرلىك خەۋىرى دەپ كۆرسىتىپ توردا تارقاتقان.

تەكشۈرۈش ئارقىلىق، گۇيگاڭ باغچە كۆرگەزمىسى ئەتراپىدا ۋە شەھەر رايونى دائىرىسىدە يىلان بېقىش مەيدانى يوقلۇقى، گۇيگاڭ شەھىرىدىكى باشقا ناھىيە (شەھەر، رايون)لەردىمۇ ھېچقانداق يىلان بېقىش مەيدانىدىن يىلان چىقىپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەرمىگەنلىكى، يىلان چىقىپ كېتىش، تارقىلىپ كېتىش خەۋپ-خەتىرى مەۋجۇت ئەمەسلىكى ئېنىقلاندى، كەڭ شەھەر ئاھالىلىرىدىن خاتىرجەم بولۇشنى سورايمىز. ياز پەسلىدە دالىدا ھەقىقەتەن ياۋا يىلان پەيدا بولىدۇ، كۈندىلىك ئۆي تۇرمۇشىدا، سىرتقا چىققاندا يىلاندىن مۇداپىئەلىنىشنى ياخشى قىلسىلا بولىدۇ، ھودۇقۇشنىڭ ھاجىتى يوق.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ