
دۆلەت كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئىدارىسى، دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى يېقىندا بىرلىكتە «دۆلەتنىڭ ئىممۇنىتېتلاش يىرىك پىلانى بويىچە بالىلارغا ۋاكسىنا ئەملەش تەرتىپى ۋە چۈشەندۈرۈشى (2026-يىللىق نۇسخىسى)»نى بېسىپ تارقىتىپ، ئوقۇش يېشىدىكى بالىلارغا ۋاكسىنا ئەملەش خىزمىتىنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇردى.
يېڭى نۇسخىدىكى ئىممۇنىتېتلاش تەرتىپى ۋە چۈشەندۈرۈشىدە مۇنداق ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: دۆلەتنىڭ ئىممۇنىتېتلاش يىرىك پىلانىدىكى ۋاكسىنىلارنى ئىممۇنىتېتلاش تەرتىپى ياكى تولۇقلاپ ئەملەش پىرىنسىپى بويىچە بىرلا ۋاقىتتا ئەملەشكە بولىدۇ؛ كۆكيۆتەل-بوغما-قاتما ۋاكسىنىسىنىڭ ئىممۇنىتېتلاش تەرتىپى بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى «ئۈچ ئايلىق بولغاندا باشلاش»تىن «ئىككى ئايلىق بولغاندا باشلاش»قا تەڭشىلىپ، جەمئىي بەش قېتىم ئەملىنىدۇ؛ ئىككى ۋالېنتلىق HPV ۋاكسىنىسى دۆلەتنىڭ ئىممۇنىتېتلاش يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈلدى، ئەملەش ئوبيېكتى 13 ياشلىق قىزلار بالا بولۇپ، جەمئىي ئىككى قېتىم ئەملىنىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ