
مۇخبىرىمىز يۈ سىنەن
پەن-تېخنىكا تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىدۇ، يېڭىلىق يارىتىش كەلگۈسىنى قولغا كەلتۈرىدۇ.
بۇ يىل 2-ئايدا، «15-بەش يىل»نىڭ باشلىنىش يىلىدىكى تۇنجى قېتىم يەرلىكتە تەكشۈرۈشتە بولغاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ بېيجىڭ يىجۇاڭدىكى دۆلەت ئۇچۇر ئىجادىيەت باغچىسىغا كېلىپ، «سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇشنىڭ ئاچقۇچى پەن-تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇشتا» دەپ يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى.
يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن-تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تېزلىتىپ، «قەتئىي تەۋرەنمەي ئۆزىنىڭ ئىشىنى ياخشى قىلىش» ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىسىنى ساقلاش كېرەك.
100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىدە دۇنياۋى ئەندىزىنى قايتا يارىتىشتا، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئاچقۇچلۇق ئۆزگەرگۈچى مىقدار. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «پەن-تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇش دۆلەتنىڭ قۇدرەت تېپىشى، گۈللىنىشىنىڭ ئاساسى، خەۋپسىزلىكىنىڭ مۇھىم ئامىلى»، «ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىنى ئېلىۋالغىلى بولمايدۇ، سېتىۋالغىلى بولمايدۇ، سوراپ ئالغىلى بولمايدۇ». پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى چىڭ تۇتقانلىق دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىي قىلىش، ئىلگىرىلەش تەقدىرىنى ئۆز قولىمىزدا چىڭ تۇتقانلىق.
2023 ـ يىل 2 ـ ئايدا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى ئۇل تەتقىقاتنى كۈچەيتىش توغرىسىدا 3 ـ قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلدى، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەلەپ قىلدى: «سىياسەت جەھەتتىن قوللاشنى زورايتىپ، ئۇل تەتقىقاتتا يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي تۈرتكە بولۇش كېرەك.»
بۇ يىل 4 ـ ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۇل تەتقىقاتنى كۈچەيتىش سۆھبەت يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى: «تېخىمۇ زور سالماق، تېخىمۇ ئەمەلىي تەدبىرلەر ئارقىلىق ئۇل تەتقىقاتنى كۈچەيتىپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئەسلىي يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، پەن ـ تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش ئاساسىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەش كېرەك.»
ئالغا سىلجىتىشتا ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇش كېرەك، چۈنكى «ئۇل تەتقىقات پۈتكۈل ئىلىم-پەن سىستېمىسىنىڭ مەنبەسى، بارلىق تېخنىكا مەسىلىلىرىنىڭ باش ئورگىنى»، يەنە «ئۇل تەتقىقاتنى كۈچەيتىش يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن-تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ تەخىرسىز تەلىپى، دۇنيا بويىچە پەن-تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنىڭ مۇقەررەر يولى».
يېڭى دەۋردىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن-تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تېزلىتىشنى چۆرىدەپ بىر قاتار مۇھىم ئورۇنلاشتۇرمىلارنى قىلدى. دۆلىتىمىز دۇنياۋى يېڭىلىق يارىتىشنىڭ مۇھىم قۇتۇپىغا ئايلىنىپ، «دۇنيا زاۋۇتى»دىن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان «يېڭىلىق يارىتىش تەجرىبىخانىسى»غا ئايلانماقتا.
يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن-تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تېزلىتىپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنىڭ پەن-تېخنىكا ئاساسىنى مۇستەھكەملەش كېرەك.
2020-يىلى ئەتىيازدا، دۇنياۋى كەسىپ زەنجىرى، تەمىنات زەنجىرىدە قىسمەن ئۈزۈلۈش كۆرۈلۈپ، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئىچكى ئايلىنىشىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسەتتى.
ئاچقۇچلۇق پەيت، ئاچقۇچلۇق تاللاش. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «كۆپ مىقداردا كىرگۈزۈش-چىقىرىش مۇھىتى ۋە شارائىتى ئۆزگەردى، جەزمەن يېڭى ۋەزىيەتكە ئاساسەن تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىدىغان يېڭى تەسەۋۋۇرنى ئوتتۇرىغا قويۇش كېرەك.» شۇنىڭ بىلەن «قوش ئايلىنىش»تىن ئىبارەت يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى شەكىللىنىشكە باشلىدى.
«يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنىڭ ئەڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكى يۇقىرى سەۋىيەدىكى ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت.» باش شۇجى شى جىنپىڭ يىراقنى كۆزلەپ مۇنداق دېدى: «بىز ئۆز ئالدىمىزغا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىمىزنى تېخىمۇ زور كۈچ بىلەن ئۆستۈرۈپ، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا تېزدىن بۆسۈش ھاسىل قىلىشىمىز كېرەك. بۇ، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيتىگە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم مەسىلە، شۇنداقلا دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنى ئاساسىي گەۋدە قىلىشنى شەكىللەندۈرۈشتىكى ئاچقۇچ.»
دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن ئۆزەكنىڭ ئېكولوگىيەسىدە ئەۋلاد يېڭىلىنىپ سۈرئەت تېزلىتىلدى، قالقانسىمان قېزىش ماشىنىسى دىيامېتىرى چوڭ ئاساسىي ئوق قازانغا ئىگە بولدى، لازېر ئۈسكۈنىسىنىڭ ئاچقۇچلۇق زاپچاسلىرىدا بۆسۈش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. تىرىشىپ يېتىشىۋېلىشنەتىجىسىدە، «گالنى بوغىدىغان»تىزىملىك ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش تىزىملىكىگە ئايلاندى.
تاشقى زەربىنىڭ تەسىرى زورىيىۋاتقان ھازىرقى پەيتتە، دۆلىتىمىزنىڭ سېلىشتۇرما ئەۋزەللىكىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئاساسەن، ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق ئۈنۈملۈك تەمىنلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئايلىنىشتىكى توسۇق نۇقتىنى تېشىپ ئۆتۈپ، بوغما ھالەت چەكلىمىسىنى تۈگىتىپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت بۇ مۇھىم تەدبىرىنىڭ ئومۇملۇق ئەھمىيىتى ۋە ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكىنى تېخىمۇ نامايان قىلىش كېرەك.
يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن-تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تېزلىتىپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى تەرەققىياتىنىڭ جۇشقۇن قۇۋۋىتىنى قوزغىتىش كېرەك.
بۇ يىل 1-ئايدا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى كەلگۈسى كەسىپلەرنى ئالدىن كۆرەرلىك بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرىسىدا 24-قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «پەن-تېخنىكىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىش دەرىجىسى كەلگۈسى كەسىپلەر تەرەققىياتىنىڭ سۈرئىتى، كەڭلىكى، چوڭقۇرلۇقىنى ناھايىتى زور دەرىجىدە بەلگىلەيدۇ».
سەگەكلىك بىلەن ھۆكۈم قىلىش چوڭقۇر ئويلىنىشتىن كېلىدۇ. «پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش يېڭى كەسىپ، يېڭى ئەندىزە، يېڭى قۇۋۋەتنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ، ئۇ يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى يادرولۇق ئامىل.»
پەن تەتقىقات يۇرتى ـ ئورۇنلىرىدىن كارخانا سېخلىرىغىچە، تەجرىبىخانىدىن ئىشلەپچىقىرىشنىڭ بىرىنچى سېپىگىچە، باش شۇجى پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ئەڭ ئالدىنقى سېپىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، سەمىمىي تاپىلاپ، يۆنىلىشنى كۆرسىتىپ بەردى، يولنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بەردى.
2020-يىل 5-ئايدا، سەنشى تەييۈەن پولات-تۆمۈر گۇرۇھى داتلاشماس پولات-سىپتا تاسما پولات چەكلىك شىركىتىدە تەكشۈرۈشتە بولۇپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا، «قولدا يىرتقىلى بولىدىغان پولات»نى ماختىدى، «ھۈنەر-تېخنىكىسى ھەقىقەتەن ياخشى ئىكەن، خۇددى ئاليۇمىن قەغەزدەك نېپىز ئىكەن، كۆپ تاۋلىنىدىغان پولاتتىن ئەۋرىشىم ياسىلىپتۇ»؛
2025 ـ يىلى 5 ـ ئايدا، خېنەن لوياڭ ئوق قازان گۇرۇھى پاي چەكلىك شىركىتىدە تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق كۆرسەتتى: «زامانىۋى ياسىمىچىلىق پەن ـ تېخنىكىنىڭ كۈچ قوشۇشىدىن ئايرىلالمايدۇ، تېخنىكىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىپ، ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىش يولىدا مېڭىش كېرەك»؛
بۇ يىل 3 ـ ئايدا، مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا، «مائارىپ، پەن ـ تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىش كېرەك»، «يېڭىلىق يارىتىش زەنجىرى، كەسىپ زەنجىرى، مەبلەغ زەنجىرى، ئىختىساسلىقلار زەنجىرىنى چوڭقۇر يۇغۇرۇپ ئىلگىرى سۈرۈپ، پەن ـ تېخنىكا نەتىجىلىرىنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئايلاندۇرۇش، قوللىنىش جەھەتتە يېڭى يول ئۈستىدە ئىزدىنىشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك» دەپ تەكىتلىدى.
يېڭى دەۋردىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ھەر قېتىملىق ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما كەلگۈسى تەرەققىياتنىڭ ئاچقۇچلۇق پۇرسىتىنى ئىگىلەپ، دەۋر رىتىمىغا ماسلىشىپ، دۆلىتىمىزنى پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بەس-بەستە مەيدانغا كېلىدىغان مەزگىلگە يېتەكلەپ كىردى–
پولات-تۆمۈر، توقۇمىچىلىق، كانچىلىق قاتارلىق ئەنئەنىۋى كەسىپلەر «يېڭىلاندى»، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل، يورۇقلۇق ۋولت، لىتىيلىق باتارېيە قاتارلىق يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر «باشلامچى» بولدى، سۈنئىي ئەقىل، كىۋانت ھېسابلاش، بىيو ياسىمىچىلىق قاتارلىق كەلگۈسى كەسىپلەر «يىلتىز تارتتى»، كەسىپلەرنىڭ «يېڭىلىنىش» كۈچى كۈچلۈك بولدى.
يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن-تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇش يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تىرىكى. «جۇڭگونى قۇدرەت تاپتۇرۇش، جۇڭگو خەلقىنى ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن، جەزمەن قۇدرەتلىك پەن ـ تېخنىكا بولۇشى كېرەك.» ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ئۇدا كۈرەش قىلغاندىلا، چوقۇم سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن يېڭى شانلىق نەتىجىلەرنى ياراتقىلى بولىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ