مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى مەركەزگە ۋاكالىتەن باشقۇرىدىغان پارتىيە بەدەل پۇلىدىن گۇاڭشى، گەنسۇ قاتارلىق بەش ئۆلكە، ئاپتونوم رايوننىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى قوللاشقا ئىشلىتىش ئۈچۈن 60 مىليون يۈەن ئاجراتتى

2026.07.08 14:29 مەنبە: خەلق تورى

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، يېقىندا، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى مەركەزگە ۋاكالىتەن باشقۇرىدىغان پارتىيە بەدەل پۇلىدىن گۇاڭشى، گەنسۇ قاتارلىق بەش ئۆلكە، ئاپتونوم رايوننىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى قوللاشقا ئىشلىتىش ئۈچۈن 60 مىليون يۈەن مەخسۇس مەبلەغ ئاجراتتى.

مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ھەرقايسى جايلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار جەڭگىۋار قورغانلىق رولى ۋە ئاۋانگارت نەمۇنىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، باشتىن-ئاخىر خەلقنىڭ ھايات بىخەتەرلىكىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ ياخشى ئىشلەپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە مال ـ مۈلۈكىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى مۇنداق تەكىتلىدى: بۇ پارتىيە بەدەل پۇلىنى ئاساسىي قاتلامغا ۋاقتىدا ئاجرىتىپ بېرىش، ئالاقىدار ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلار ئەمەلىيەتكە ئاساسەن شۇ دەرىجىلىك باشقۇرىدىغان پارتىيە بەدەل پۇلىدىن يانداش مەبلەغنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە ئىشلىتىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ