شىنجاڭدىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەر مۇشۇ ھەپتىدىن باشلاپ ئارقا-ئارقىدىن «يازلىق تەتىل مەزگىلى»گە كىرىدۇ

2026.07.07 15:30 مەنبە: خەلق تورى

شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەر مۇشۇ ھەپتىدىن باشلاپ يازلىق تەتىلنى ئارقا-ئارقىدىن كۈتۈۋالىدۇ. كەڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەتىلنى خاتىرجەم، ساغلام، مەنىلىك ئۆتكۈزۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ھەرقايسى جايلاردىكى مائارىپ ئىدارىلىرى بەس-بەستە «ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرىغا خەت»نى ئېلان قىلىپ، ئائىلە بىلەن مەكتەپ ھەمكارلىشىپ، بىخەتەرلىك مۇداپىئە سېپىنى مۇستەھكەملەپ، بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئورتاق قوغداشنى تەشەببۇس قىلدى.

بىخەتەرلىك تەتىل تۇرمۇشىدىكى ئەڭ مۇھىم نۇقتا. ياز پەسلى سۇدا تۇنجۇقۇپ قېلىش كۆپ يۈز بېرىدىغان مەزگىل، جايلاردىكى مائارىپ ئىدارىلىرى ئاتا-ئانىلارنى بالىلىرىغا سۇدا تۇنجۇقۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىخەتەرلىك تەربىيەسىنى كۈچەيتىشنى، بالىلىرىدىن «ئالتىنى قىلماسلىق» پىرىنسىپىغا رىئايە قىلىشنى قاتتىق تەلەپ قىلىشنى ئەسكەرتتى: ئۆز مەيلىچە سۇ ئۈزمەسلىك؛ ئۆز مەيلىچە باشقىلار بىلەن ھەمراھ بولۇپ سۇ ئۈزمەسلىك؛ ئاتا-ئانا ياكى ئوقۇتقۇچى يوق ئەھۋالدا سۇ ئۈزمەسلىك؛ بىخەتەرلىك ئەسلىھەلىرى ۋە قۇتقۇزۇش خادىملىرى يوق سۇ رايونىغا بېرىپ سۇ ئۈزمەسلىك؛ ناتونۇش سۇ رايونىغا بېرىپ سۇ ئۈزمەسلىك؛ سۇ ئەھۋالىنى بىلمەيدىغان ئوقۇغۇچىلار ئۆز مەيلىچە سۇغا چۈشۈپ قۇتقۇزماسلىق. ئەگەر ھەمراھلىرى سۇدا تۇنجۇقۇپ قالسا، دەرھال يۇقىرى ئاۋازدا قۇتقۇزۇشنى تەلەپ قىلىش، چوڭلاردىن ياردەم سوراش ھەمدە 110، 120 گە تېلېفون قىلىش.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ