جۇڭگو دېڭىز ئارمىيەسى سۇ ئاستىدىن قويۇپ بېرىلىدىغان ئىستراتېگىيەلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى سىناق تەرىقىسىدە قويۇپ بېرىشنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەشكىللىدى

2026.07.07 15:29 مەنبە: خەلق تورى

7-ئاينىڭ 6-كۈنى سائەت 12 دىن 01 مىنۇت ئۆتكەندە، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ بىر ئىستراتېگىيەلىك يادرو سۇ ئاستى پاراخوتى تىنچ ئوكياننىڭ ئالاقىدار ئوچۇق دېڭىز تەۋەلىكىگە مەشىق تەقلىدىي ئوق بېشى ئېلىپ يۈرىدىغان سۇ ئاستىدىن قويۇپ بېرىلىدىغان ئىستراتېگىيەلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن بىرنى مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىپ، ئالدىن بەلگىلەنگەن دېڭىز تەۋەلىكىگە دەل چۈشۈردى. بۇ قېتىمقى باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى سىناق تەرىقىسىدە قويۇپ بېرىش جۇڭگو تەرەپنىڭ يىللىق ھەربىي مەشقىدىكى دائىملىق ئورۇنلاشتۇرۇش بولۇپ، ئالاقىدار دۆلەتلەرگە ئالدىن ئۇقتۇرۇش قىلىنغان، بۇ خەلقئارا قانۇن ۋە خەلقئارا قائىدىگە ئۇيغۇن، ھەرقانداق ئالاھىدە دۆلەت ۋە نىشانغا قارىتىلمىغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ