جۇڭگونىڭ ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تېمپېراتۇرىنى تۆۋەنلىتىش مەھسۇلاتلىرى ياۋروپالىقلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇردى

2026.07.07 15:28 مەنبە: خەلق تورى

جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ماۋ نىڭ 7-ئاينىڭ 6-كۈنى قەرەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

بىر مۇخبىر مۇنداق سورىدى: ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋوندېرلېيىن يېقىندا مۇنداق بىلدۈردى: ياۋروپا ئىتتىپاقى سودا تەڭپۇڭسىزلىقى مەسىلىسى توغرىسىدا جۇڭگو بىلەن داۋاملىق سۆھبەتلىشىپ، جۇڭگونىڭ ئوشۇقچە تاۋارلىرىنىڭ ياۋروپاغا كۆپلەپ كىرىشى قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك. لېكىن بىز شۇنىڭغا دىققەت قىلدۇقكى، ياۋروپا يېقىندا يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ئىسسىق دولقۇنغا دۇچ كەلدى، جۇڭگو ئىشلەپچىقارغان ھاۋا تەڭشىگۈچ، شامالدۇرغۇچ، كۆپ ئىقتىدارلىق ئاپتاپتىن ساقلىنىش كۈنلۈكى قاتارلىق ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تېمپېراتۇرىنى تۆۋەنلىتىش مەھسۇلاتلىرى ياۋروپا خەلقىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى، ھەتتا بىرنى سېتىۋېلىش تەس بولۇش ئەھۋالى كۆرۈلدى. باياناتچى بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىدۇ؟

ماۋ نىڭ: «ئوشۇقچە بولۇش» ياكى كەمچىل بولۇشقا ئىستېمالچىلارنىڭ ئۆزى ھۆكۈم چىقىرىدۇ. ئېھتىياجغا ماس كېلىدىغان، سۈپىتى ياخشى، باھاسى مۇۋاپىق تاۋارلار تەبىئىي ھالدا ئالقىشلىنىدۇ. جۇڭگو-ياۋروپا سودا قۇرۇلمىسى بازار ئېھتىياجىنىڭ تۈرتكە بولۇشى، ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق بىر-بىرنى تولۇقلاش ئاساسىدىكى تەبىئىي نەتىجە. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگو-ياۋروپا سودىسىدا، ئىستېمالچىلار ئەمەلىي نەپكە ئېرىشتى، تەمىنات سودىگەرلىرى پايدىغا ئېرىشتى، مەجبۇرىي سېتىۋېلىش، مەجبۇرىي سېتىش مۇمكىن ئەمەس، بۇ بىر قوش يۆنىلىشلىك تاللاش، ئورتاق نەپكە ئېرىشىش. ياۋروپا تەرەپتىكى ئالاقىدار زاتلارنىڭ جۇڭگو-ياۋروپا ئىقتىساد-سودا مۇناسىۋىتىگە ئوبيېكتىپ مۇئامىلە قىلىپ، سەن يېڭىلىسەن، مەن يېڭىمەن دەيدىغان روھىي ھالەتتىن ۋاز كېچىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان تورتنى چوڭايتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ