
جۇڭگو دېڭىز ساقچى ئىدارىسىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى جياڭ لۆ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 7-ئاينىڭ 7-كۈنى، ياپونىيەنىڭ «رۈيباۋۋەن» ناملىق بېلىقچىلىق كېمىسى جۇڭگونىڭ چىۋېي ئارىلى دېڭىز تەۋەلىكىگە قانۇنسىز كىردى، جۇڭگونىڭ دېڭىز ساقچى پاراخوتى قانۇن بويىچە ئۇنىڭغا قارىتا زۆرۈر باشقۇرۇش، تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قوللاندى ھەمدە ئۇنى ئاگاھلاندۇرۇپ قوغلىۋەتتى. دياۋيۈ ئارىلى ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ئاراللار ئەزەلدىن جۇڭگونىڭ زېمىنى، بىز ياپونىيە تەرەپنى بۇ دېڭىز تەۋەلىكىدىكى بارلىق ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش، ئىغۋاگەرچىلىك قىلىش ھەرىكەتلىرىنى دەرھال توختىتىشقا دەۋەت قىلىمىز. جۇڭگو دېڭىز ساقچىلىرى دياۋيۈ ئارىلى ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق ئاراللارنىڭ دېڭىز تەۋەلىكىدە ھوقۇقنى قوغداش، قانۇن ئىجرا قىلىش پائالىيىتىنى سىجىل قانات يايدۇرۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ زېمىن ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە دېڭىز-ئوكيان ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قەتئىي قوغدايدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ