رونالدو: بۇ مېنىڭ دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگە ئەڭ ئاخىرقى قاتنىشىشىم

2026.07.06 14:51 مەنبە: خەلق تورى

پورتۇگالىيە كوماندىسىنىڭ باشلىقى رونالدو 7-ئاينىڭ 5-كۈنى ھازىر ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئامېرىكا-كانادا-مېكسىكا دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ئۆزىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى بولۇپ قالىدىغانلىقىنى جەزملەشتۈردى.

رونالدو پورتۇگالىيە كوماندىسى بىلەن ئىسپانىيە كوماندىسىنىڭ 8/1 ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدىن ئىلگىرىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: «بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدىن قانغۇچە ھۇزۇرلىنىشنى ئۈمىد قىلىمەن، چۈنكى بۇ مېنىڭ دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگە ئەڭ ئاخىرقى قېتىم قاتنىشىشىم بولۇپ قالىدۇ.»

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ