ئۆي باھاسى سىجىل ئۆرلدى، نوپۇس قۇرۇلمىسى تەڭپۇڭسىزلاشتى

كورېيەنىڭ سېئۇل شەھىرىدە ئۇدا 35 يىل نوپۇس ساپ ئېقىپ كەتتى

2026.07.06 14:50 مەنبە: خەلق تورى

يېقىندا، كورېيە دۆلەت سانلىق مەلۇمات باشقارمىسى ئېلان قىلغان كۆپ تۈرلۈك يادرولۇق ئىقتىساد كۆرسەتكۈچلەردە كۆرسىتىلىشىچە، سېئۇل شەھىرىنىڭ رىقابەت كۈچىدە سىجىل ئاجىزلىشىش ۋەزىيىتى كۆرۈلۈۋېتىپتۇ، ئۆي باھاسىنىڭ يۇقىرى بولۇشى بۇنىڭ مۇھىم سەۋەبى دەپ قارالغان. 2025-يىلى، سېئۇل شەھىرىنىڭ سانائەت ئىشلەپچىقىرىشى ۋە پارچە سېتىش كۆلىمى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا %7.7 ۋە %2.7 تۆۋەنلىگەن، ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 0.2 پىرسەنت پوئېنت تۆۋەنلىگەن، نوپۇسنىڭ تېز سۈرئەتتە سىرتقا ئېقىپ كېتىشى ۋە تۇغۇت نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلىشى يەنىمۇ داۋاملاشقان. بىر قاتار ئەھۋاللار كورېيەدە ئاممىۋى پىكىر ئەندىشىسىنى قوزغىدى، كورېيەنىڭ سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت مەركىزى بولغان سېئۇلنىڭ شەھەر رىقابەت كۈچى چېكىنىۋاتامدۇ-يوق؟

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ