ئايروپىلاندا ئولتۇرۇش تەننەرخى تۆۋەنلەيدۇ

2026.07.06 14:49 مەنبە: خەلق تورى

جۇڭگو خەلقئارا ئاۋىياتسىيە شىركىتى قاتارلىق ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرى 7-ئاينىڭ 3-كۈنى ئېلان قىلغان ئۇقتۇرۇشتا كۆرسىتىلىشىچە، 7-ئاينىڭ 5-كۈنى سائەت 0 دىن باشلاپ سېتىلغان جۇڭگو ئىچكى قۇرۇقلۇق ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرى يولۇچىلار بېلىتىنىڭ يېقىلغۇ ماي قوشۇمچە ھەققى تۆۋەنلىتىلگەن.

تەڭشەلگەندىن كېيىنكى كونكرېت ئۆلچەم تۆۋەندىكىچە:

800 كىلومېتىر (800 كىلومېتىرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دىن تۆۋەن ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرىنىڭ ھەربىر بۆلىكىدە 50 يۈەن

800 كىلومېتىردىن يۇقىرى ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرىنىڭ ھەر بىر بۆلىكىدە 100 يۈەن ھەق ئېلىنىدۇ

بوۋاق يولۇچىلاردىن يېقىلغۇ ماي قوشۇمچە ھەققى ئېلىنمايدۇ

بالىلار، ئىنقىلابىي مېيىپ ھەربىيلەر، خىزمەت ئۈستىدە مېيىپ بولغان خەلق ساقچىلىرىدىن يولۇچىلار بېلىتى يېقىلغۇ ماي قوشۇمچە ھەققى يېرىم كېمەيتىپ ئېلىنىدۇ

ئىگىلىنىشىچە، ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان يېقىلغۇ ماي قوشۇمچە ھەققى ئۆلچىمىگە سېلىشتۇرغاندا، 800 كىلومېتىر (800 كىلومېتىرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دىن تۆۋەن ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرىدە 30 يۈەن، 800 كىلومېتىردىن يۇقىرى ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرىدە 50 يۈەن تۆۋەنلىتىلىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ