يان تېلېفون ئارقىلىق تاپشۇرۇق ئورۇنلاشتۇرۇشنى قەتئىي توسۇش كېرەك! مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئۇقتۇرۇشى

مائارىپ مىنىستىرلىقى: «يازلىق لاگېر» قاتارلىق ناملار بىلەن شەكلى ئۆزگەرگەن ئىمتىھانغا تەشكىللەشكە بولمايدۇ

2026.07.06 14:48 مەنبە: خەلق تورى

مۇخبىرنىڭ 7-ئاينىڭ 3-كۈنى مائارىپ مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، «2026-يىللىق ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ، يەسلىلەرنىڭ يازلىق تەتىللىك بىخەتەرلىك خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» يېقىندا بېسىپ تارقىتىلىپ، ھەرقايسى جايلاردىكى مەكتەپلەردىن يازلىق تەتىللىك تاپشۇرۇقنىڭ ئومۇمىي مىقدارىنى قاتتىق كونترول قىلىپ، يان تېلېفوندا تاپشۇرۇق ئورۇنلاشتۇرۇش، ئوقۇغۇچىلاردىن يان تېلېفوندا تاپشۇرۇق ئىشلەش ياكى ئاتا-ئانىلاردىن تاپشۇرۇق تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى قەتئىي توسۇپ، يازلىق تەتىل ۋە تەتىلنىڭ ئالدى-كەينىدە ئوقۇغۇچىلارغا يۈزلەنگەن رايونلۇق، مەكتەپلەر ئارا بىرتۇتاش ئىمتىھان ياكى سىناق ئېلىشنى تەشكىللەشنى قاتتىق مەنئى قىلىپ، «يازلىق لاگېر»، «تەتقىقات خاراكتېرلىك ئۆگىنىش» قاتارلىق ناملار بىلەن شەكلى ئۆزگەرگەن ئىمتىھان ياكى سىناق تەشكىللەشكە بولمايدۇ، دەپ تەلەپ قىلىنغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ