
مۇخبىرلىرىمىز ليۇ جىچياڭ، ۋاڭ يۈننا
«يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىش، ئىگىلىك تىكلەش ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلاردىن ئايرىلالمايدۇ، بىز پۇقراۋى كارخانىلار، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى شارائىت يارىتىپ بېرىشىمىز كېرەك.»
− 2018-يىل 10-ئاينىڭ 24-كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ گۇاڭدۇڭدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق كۆرسەتتى:
ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى يۇقىرى سۈرئەتتە ئايلاندى، ئاپتوموبىللار توختىماي ئۆتۈشۈپ تۇردى، ئاپتوموبىللارنى كەپشەرلەپ قۇراشتۇرۇپ ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدىكى زاپچاسلار ئارقا-ئارقىدىن پۈتتى. گۇاڭدۇڭدا گۇاڭجوۋ مىڭلو پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ تىجارىتى ياخشىلىنىپ، ئىشلەپچىقىرىشى ئالدىراش بولۇپ كەتتى، ئىشلەپچىقىرىش پىلانى 2027-يىل 5-ئايغىچە تۈزۈلدى.
2018-يىل 10-ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ كارخانىدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: «يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىش، ئىگىلىك تىكلەش ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلاردىن ئايرىلالمايدۇ، بىز پۇقراۋى كارخانىلار، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى شارائىت يارىتىپ بېرىشىمىز كېرەك.»
«باش شۇجىنىڭ سۆزى بىز پۇقراۋى كارخانىچىلارنىڭ كۆڭلىدىكى گەپلەر بولدى.» شىركەتنىڭ مەسئۇلى ياۋ ۋېيبىڭ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: مۇشۇ يىللاردا ھۆكۈمەت تارماقلىرى سودا مۇھىتىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، قوللاپ بەردى، كارخانىمىزنىڭ تەرەققىياتى بارغانسېرى ياخشىلاندى.
ئىنكاس بولسا جەزمەن جاۋاب قايتۇرۇش. 2021-يىلى، شىركەت ئىشلەپچىقىرىشنى كېڭەيتىشنى پىلانلىغانىدى، لېكىن زاۋۇت ئۆيى سېلىشتا قىيىنچىلىق مەۋجۇت ئىدى. كارخانىنىڭ ئىلتىماس- تەلىپىنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، گۇاڭجوۋ خۇاڭپۇ رايونى يېڭىدىن كەسىپلەر باغچە رايونى قۇرۇشنى پائال ماسلاشتۇردى. 2024-يىل 10-ئايدا، باغچە رايونى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، شىركەت زاۋۇت ئۆيىنى ئىجارىگە ئالدى، يەنە مەھسۇلات تەتقىق قىلىپ يارىتىش، سىناق قىلىش مەركىزىگە ئىگە بولۇپ، تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتا تېخىمۇ ئىشەنچكە تولدى.
ئىش بولمىسا ئاۋارە قىلماسلىق. گۇاڭجوۋ شەھىرى كارخانىلارغا چېتىشلىق مەمۇرىي قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك قېلىپلاشتۇرۇپ، «كۆپ تەرەپ تەكشۈرۈش، تەكرار تەكشۈرۈش»تىن قاتتىق ساقلاندى. يۈنپۇ كوچا باشقارمىسى «ئىش بولمىسا ئاۋارە قىلماسلىق، تەلەپ بولسا جەزمەن جاۋاب قايتۇرۇش»تەك كارخانا مۇلازىمەت مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، گۇاڭجوۋ شەھىرىدىكى نۇقتىلىق كارخانىلارنىڭ ئاق تىزىملىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، ھەر يىلى تىزىملىكتىكى كارخانىلارغا قارىتا «ئىشىكتىن بىر قېتىم كىرىش، كۆپ ئىشنى تەكشۈرۈش»نى يولغا قويدى.
مەدەت كۈچەيتىلىپ، يۈك يېنىكلىتىلدى، مىڭلو پاي چەكلىك شىركىتى پۈتۈن زېھنى بىلەن ئوقەتچىلىك بىلەن شۇغۇللاندى. 2018-يىلىدىن بۇيان، شىركەتنىڭ مەھسۇلاتلىرى 20 نەچچە دۆلەت ۋە رايونغا سېتىلىپ، يىللىق مەھسۇلات قىممىتى، سېتىش سوممىسى زور دەرىجىدە ئاشتى.
باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى <ئىككىدە قىلچە تەۋرەنمەسلىك>، <ئۈچ ئۆزگەرمەسلىك>تە باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، پۇقراۋى كارخانىلار ۋە پۇقراۋى كارخانىچىلارنى باشتىن-ئاخىر ئۆز ئادىمىمىز دەپ بىلدى.»
ئىككى قېتىم پۇقراۋى كارخانىلار سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى، پۇقراۋى ئىگىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش خىزمىتى ئاپپاراتلىرىنى تەسىس قىلىشنى ئورۇنلاشتۇرما قىلدى، پۇقراۋى ئىگىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ زورايتىشقا دائىر سىياسەت ھۆججەتلىرىنىڭ ئېلان قىلىنىپ يولغا قويۇلۇشىغا تۈرتكە بولدى، يەرلىكتە تەكشۈرۈشتە بولغاندا پۇقراۋى كارخانىلارغا قايتا ـ قايتا كىردى...پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ پۇقراۋى كارخانىلار، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ ساغلام تەرەققىياتى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، ئىشەنچ بېغىشلىدى.
تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلار بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن كۈچ-قۇۋۋەت توپلىدى −
مۇھىت ئەلالاشتۇرۇلۇپ، بوسۇغا تۆۋەنلىتىلىپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ تەرەققىيات بوشلۇقى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىلدى.
2025-يىل 11-ئاينىڭ 10-كۈنى، «خەلق ئىچى سېلىنمىسىنىڭ تەرەققىياتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى بىرقانچە تەدبىر» جەمئىيەتكە ئېلان قىلىنىپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى. «بىز بىرىنچى ۋاقىتتا <تىجارەتلىك ئالەم قاتنىشى چاستوتا ئىجازىتى بېرىش، قويۇپ بېرىشنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش جەريانىدا خەلق ئىچى سېلىنما تۈرلىرىگە ئوخشاش مۇئامىلە قىلىش>تىن ئىبارەت بىر مۇھىم تەدبىرگە دىققەت قىلدۇق.» يىنخې ئالەم قاتنىشى بىرلەشمىسىنىڭ قۇرغۇچىسى ليۇ چاڭ مۇنداق بىلدۈردى: بۇ تەدبىر ھازىرقى پۇقراۋى تىجارەتلىك ئالەم قاتنىشى كارخانىلىرى تىجارەت جەريانىدا دۇچ كەلگەن رېئال قىيىنچىلىققا بىۋاسىتە يۈزلەنگەن بولۇپ، يېڭىلىق يارىتىش تېخنىكىسىنى دەلىللەش ۋە قوللىنىشقا كۈچلۈك تۈرتكە بولىدۇ.
خەلق ئىگىلىكىنىڭ جان تومۇرىغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم تۈرلەر ئىچىدە، بارغانسېرى كۆپ پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ سىيماسى پەيدا بولماقتا: گاۋتىيې ساھەسىدە، پۇقراۋى سېلىنما پاي كونترول قىلىدىغان خاڭجوۋ-شاۋشىڭ-تەيجوۋ، خاڭجوۋ - ۋېنجوۋدىن ئىبارەت ئىككى گاۋتيې ئارقا -ئارقىدىن پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى؛ يادرو ئېلېكتىر ساھەسىدە، 2024-يىلى، 2025-يىلى يېڭىدىن تەكشۈرۈپ تەستىقلانغان يادرو ئېلېكتىر تۈرلىرىدە، 20 پۇقراۋى كارخانا پاي قوشۇشقا جەلپ قىلىنىپ، پۇقراۋى سېلىنمىنىڭ پاي نىسبىتى % 10 تىن % 20 كىچە ئۆستۈرۈلدى. مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار قۇرۇلۇشى تېزلىتىلىپ، بازار ئىجازىتى پاسسىپ تىزىملىكى تۈرلىرى تەدرىجىي ئازايتىلدى، نۇرغۇن تەدبىر توسۇق نۇقتا، بوغۇق نۇقتىلارغا بىۋاسىتە قارىتىلىپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ تېخىمۇ كۆپ ساھەگە كىرىشى، تېخىمۇ زور سودا پۇرسىتىگە ئېرىشىشىگە ياردەم بېرىلدى.
دائىم پىكىر ئالماشتۇرۇپ، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، كارخانىلارنىڭ ئىلتىماس-تەلىپىگە تېخىمۇ ياخشى ئاۋاز قوشۇش.
2025-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى، توكلۇق ۋېلىسىپىتنىڭ يېڭى دۆلەت ئۆلچىمى يولغا قويۇلۇپ، قوغۇشۇن كىسلاتالىق باتارېيە ئىشلىتىلگەن توكلۇق ۋېلىسىپىتنىڭ سۈپەت يۇقىرى چېكى ئۆستۈرۈلدى. بۇ ئۆزگىرىش بىر كارخانىچىنىڭ دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى بىلەن يۈزتۇرا پىكىر ئالماشتۇرغاندا ئوتتۇرىغا قويغان تەلىپىدىن باشلانغان.
ئىلتىماس-تەلەپ، ئۇنىۋېرسال پىكىرلەرگە ئاۋاز قوشۇپ، كۆپ تارماق يۇقىرى ئۈنۈملۈك بىرلىشىپ ھەرىكەتكە كېلىپ، ئالاقىدار ئۆلچەملەرنى تېز ئۆزگەرتىشنى ئىشقا ئاشۇردى. نۆۋەتتە، دۆلەت، ئۆلكە، شەھەر، ناھىيەدىن ئىبارەت تۆت دەرىجىلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات تارماقلىرى پۇقراۋى كارخانىلار بىلەن دائىملىق ئالاقىلىشىش، پىكىر ئالماشتۇرۇش مېخانىزمى ئورناتتى.
قانۇنچىللىقنى گۈللەندۈرۈپ، كاپالەتنى كۈچەيتىپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى تېخىمۇ خاتىرجەم، تېخىمۇ ئازادە قىلىش.
2025-يىل 5-ئاينىڭ 20-كۈنى، پۇقراۋى ئىگىلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى يولغا قويۇلدى، كەڭ پۇقراۋى كارخانىچىلار ھەسسىلەپ روھلاندى. مۈلۈك ھوقۇقى ۋە بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش كۈچەيتىلدى، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى، «سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش نىزامى» ئېلان قىلىندى، كارخانىلارغا چېتىشلىق قانۇن ئىجرا قىلىشنى قېلىپلاشتۇرۇش مەخسۇس ھەرىكىتى قانات يايدۇرۇلدى، كارخانىلارغا چېتىشلىق ھەق ئېلىشنى ئۇزاق ئۈنۈملۈك نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش يەنىمۇ كۈچەيتىلدى. ..قانۇنچىللىقنىڭ ئاساسنى پۇختىلاش، كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇش، كەلگۈسىگە نەپ يەتكۈزۈشتەك كاپالەتلەندۈرۈش رولى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇلدى.
سىياسەت كۈچ بەردى، كارخانىلار تىرىشتى، پۇقراۋى ئىگىلىك دۆلىتىمىزدە ساغلام ئۆسۈپ يېتىلدى. بۇ يىل 4-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، مەملىكەت بويىچە تىزىملاپ ئەنگە ئېلىنغان پۇقراۋى كارخانا 61 مىليون 22 مىڭ بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.6 ئاشتى، «تۆت يېڭى» پۇقراۋى كارخانا 24 مىليون 619 مىڭ بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.9 ئېشىپ، پۇقراۋى كارخانىلار ئومۇمىي مىقدارىنىڭ %40.3 ىنى ئىگىلىدى.
«15-بەش يىل»دا جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش، كۆڭۈل بۆلۈش، قوللاشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرغاندا، پۇقراۋى كارخانىلار تېخىمۇ كەڭ سەھنىگە چىقىدۇ. «پۇقراۋى ئىگىلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۈرۈشلەشكەن قانۇن-نىزام، سىياسەت، تۈزۈم سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش»، «ئۇل ئەسلىھە قاتارلىق رىقابەتلىك ساھەلەرنى پۇقراۋى كارخانىلارغا ئادىل ئېچىۋېتىشنى سىجىل ھەقىقىي ئالغا سىلجىتىش»، «پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشىنى قوللاش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش»...«15-بەش يىل»لىق يىرىك پىلان پىروگراممىسىدا «پۇقراۋى ئىگىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە زورايتىش» ئورۇنلاشتۇرما قىلىنغاندا، بىر قاتار ئەمەلىي سىياسەت-تەدبىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. «دۆلەت پۇقراۋى كارخانىلارنى زور كۈچ بىلەن قوللىدى، بىزنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتقا نىسبەتەن ئىشەنچىمىز تولۇپ تاشتى. كارامىتىمىزنى كۆرسىتىشنىڭ پەيتى يېتىپ كەلدى!» دېدى ليۇ چاڭ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ