
بېيجىڭ ۋاقتى 7-ئاينىڭ 3-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، 2026-يىللىق ئامېرىكا-كانادا-مېكسىكا دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ 16دىن 1 ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى داۋاملىق ئۆتكۈزۈلدى. پورتۇگالىيە كوماندىسى ئىككىدە بىر نەتىجە بىلەن كىرودىيە كوماندىسىنى يېڭىپ، ناھايىتى تەستە 16 كۈچلۈك كوماندا قاتارىغا كىردى.

بۇ مەيدان مۇسابىقىنىڭ ۋەزىيىتى ئۆزگىرىشچان بولۇپ، ئاجايىب قالتىس داۋاملاشتى. رونالدو نۇقتا توپ كىرگۈزۈپ، دۇنيا لوڭقىسى شاللاش مۇسابىقىسىدە تۇنجى شەخسىي توپ كىرگۈزۈپ، بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى سەككىز مەيدان شاللاش مۇسابىقىسىدە توپ كىرگۈزەلمەسلىك خاتىرىسىنى بىراقلا ئاخىرلاشتۇردى، ئۇ يەنە دۇنيا لوڭقىسى تارىخىدىكى شاللاش مۇسابىقىسىدە توپ كىرگۈزگەن يېشى ئەڭ چوڭ توپچىغا ئايلاندى. كىرودىيەنىڭ 40 ياشلىق پېشقەدەم ماھىرى مودرىچ بۇنىڭ بىلەن دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقە سەھنىسى بىلەن خوشلىشىشى مۇمكىن. پورتۇگالىيە كوماندىسى بىلەن ئىسپانىيە كوماندىسىدىن ئىبارەت بۇ ئىككى كۈچلۈك كوماندا 8دىن 1 ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە رىقابەتلىشىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ