
7-ئاينىڭ 1-كۈنى، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەملىكەت بويىچە مۇنەۋۋەر كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرى، مەملىكەت بويىچە مۇنەۋۋەر پارتىيە ئىشلىرى خىزمەتچىلىرى ۋە مەملىكەت بويىچە ئىلغار ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى تەقدىرلەش توغرىسىدىكى قارارى» ئېلان قىلىندى، 141 يولداشقا، ۋاپات بولغان سەككىز يولداشقا «مەملىكەت بويىچە مۇنەۋۋەر كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى» دەپ نام بېرىلدى، 150 يولداشقا «مەملىكەت بويىچە مۇنەۋۋەر پارتىيە ئىشلىرى خىزمەتچىسى» دەپ نام بېرىلدى، 399 ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتىغا «مەملىكەت بويىچە ئىلغار ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى» دەپ نام بېرىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە، شىنجاڭدىن ئۈچ پارتىيە ئەزاسى، ئۈچ پارتىيە ئىشلىرى خىزمەتچىسى، سەككىز ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى تەقدىرلەندى.
چاغانتوقاي ناھىيەلىك چارۋىچىلىق دوختۇرخانىسى ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ سابىق كاندىدات مۇدىر ۋىراچى ئوقاس سۈلەيمەن، شىخەنزە داشۆ ماشىنىسازلىق-ئېلېكتىر قۇرۇلۇشى شۆيۈەنىنىڭ تەتقىقاتچىسى، دوكتور يېتەكچىسى، جۇڭگو ئىنژېنېرلار ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى چېن شۆگېڭ شەرەپ بىلەن «مەملىكەت بويىچە مۇنەۋۋەر كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى» نامىغا ئېرىشتى؛ ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى داڭلىق ماركا قۇرۇلۇشى ۋە ئىشلەپچىقىرىش-سېتىش مۇلازىمەت مەركىزى (ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىك تاشقى ھەمكارلىق مەركىزى)نىڭ سابىق مۇدىرى خې جياۋلۇڭغا «مەملىكەت بويىچە مۇنەۋۋەر كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى» دەپ نام بېرىلدى.
كۇچا شەھەرلىك گۇڭئەن ئىدارىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، جېڭۋېي تاھىر مىجىت، ئۇلۇغچات ناھىيەسى بۆرىتوقاي يېزىسىنىڭ تارغىلاق كەنتى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى جارمەمەت ئابدۇراخمان ۋە سانجى شەھىرى سۇ يۈچىن پىدائىيلار مۇلازىمىتى خىزمەت پونكىتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى سۇ يۈچىنگە «مەملىكەت بويىچە مۇنەۋۋەر پارتىيە ئىشلىرى خىزمەتچىسى» دەپ نام بېرىلدى.
مارالبېشى ناھىيەسى مارالبېشى بازارلىق پارتىيە كومىتېتى، تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونى يار بازىرىنىڭ يېڭىشەھەر غەربىي قوۋۇق كەنتى پارتىيە باش ياچېيكىسى، كېرىيە ناھىيەسى توغراغاز يېزىسىنىڭ توغراغاز كەنتى پارتىيە ياچېيكىسى، پەيىك چېگرا ساقچىخانىسى پارتىيە ياچېيكىسى، شىنجاڭ داشۆ ماركسىزم شۆيۈەنى پارتىيە كومىتېتى، شىنجاڭ تيەنيۈن ئورگانىك يېزا ئىگىلىك چەكلىك شىركىتى پارتىيە ياچېيكىسى، جېجياڭ داشۆ تېببىي شۆيۈەنى قارىمىقىدىكى شاۋ يىفۇ دوختۇرخانىسى شىنجاڭ بىڭتۇەن ئارال دوختۇرخانىسى پارتىيە كومىتېتى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى 8-شى 143-تۇەن 9-ليەن پارتىيە ياچېيكىسىغا «مەملىكەت بويىچە ئىلغار ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى» دەپ نام بېرىلدى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ