ئايروپىلان بېلىتىنىڭ يېقىلغۇ ماي قوشۇمچە ھەققى 7-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن باشلاپ زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىلىدۇ

2026.07.03 15:00 مەنبە: خەلق تورى

7-ئاينىڭ 1-كۈنى، جيۇيۈەن ئاۋىياتسىيە شىركىتى ئۇقتۇرۇش مۇنداق چىقاردى، 2026-يىل 7-ئاينىڭ 5-كۈنى (بېلەت چىقىرىلغان ۋاقىت)دىن باشلاپ، قۇرامىغا يەتكەن يولۇچىلاردىن ئېلىنىدىغان يېقىلغۇ ماي قوشۇمچە ھەققى تۆۋەندىكىچە: 800 كىلومېتىردىن يۇقىرى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدىكى ھەربىر يولۇچىدىن 100 يۈەن يېقىلغۇ ماي قوشۇمچە ھەققى ئېلىنىدۇ، 800 كىلومېتىر (800 كىلومېتىرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دىن تۆۋەن ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدىكى ھەربىر يولۇچىدىن 50 يۈەن يېقىلغۇ ماي قوشۇمچە ھەققى ئېلىنىدۇ. تەڭشەشتىن ئىلگىرىكىگە سېلىشتۇرغاندا 50 يۈەن ۋە 30 يۈەن تۆۋەنلىتىلگەن. يېقىلغۇ ماي قوشۇمچە ھەققىنىڭ تۆۋەنلىشى يازلىق تەتىلدە ساياھەتكە چىقىش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىشكە پايدىلىق.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ