
شەرق ئاۋىياتسىيە شىركىتى 2026-يىل7-ئاينىڭ 3-كۈنىدىن باشلاپ، شەرق ئاۋىياتسىيە شىركىتى ۋە ئۇنىڭ قارىمىقىدىكى شاڭخەي ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ بارلىق كەڭ گەۋدىلىك نۆۋەتچى ئايروپىلانلىرىدا بوشلۇق Wi-Fi سىنى پۈتۈنلەي ھەقسىز ئېچىۋېتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
بۇنىڭ ئىچىدە، دەرىجىدىن تاشقىرى ئەرزان بۆلۈمچە ۋە ئەرزان بۆلۈمچە يولۇچىلىرى ئۆلچەملىك سۈرئەتتىكى ئېقىم مىقدارىقا ئېرىشەلەيدۇ، ھۆكۈمەت ئىشلىرى بۆلۈمچىسى ۋە ئالىي دەرىجىلىك بۆلۈمچىدىكى يولۇچىلار يۇقىرى سۈرئەتلىك ئېقىم مىقدارىغا ئېرىشەلەيدۇ.
بۇنىڭدىن ئىلگىرى، شەرق ئاۋىياتسىيە شىركىتى كەڭ گەۋدىلىك ئايروپىلانلار ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىدىغان بارلىق دۆلەت ئىچى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ۋە بىر قىسىم خەلقئارا ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرىدە ھەقسىز تورغا چىقىشنى ئارقا-ئارقىدىن يولغا قويغان، بۇ قېتىممۇ دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارا ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى دەپ ئايرىماي پۈتۈنلەي ھەقسىز قىلىۋەتكەن.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ