
ئامېرىكا فېدېراتسىيە ئالىي سوت مەھكىمىسى 6-ئاينىڭ 30-كۈنى زۇڭتۇڭ ترامپنىڭ «تۇغۇلغاندىن باشلاپلا پۇقرالىق ھوقۇقىغا ئىگە بولۇش»نى چەكلەش مەمۇرىي بۇيرۇقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغاندىن كېيىن، ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئەمەلدارى فېدېراتسىيە تەپتىش ئەمەلدارىدىن ئاتالمىش «ساياھەت قىلىش نامى بىلەن ئامېرىكىغا بېرىپ بالا تۇغۇش»نى ئالدىن تەكشۈرۈش تۈرى قىلىشنى تەلەپ قىلغان.
رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى كوللىن ماكدونالد ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ بارلىق خادىملىرىغا يازغان بىر پارچە ئەسلەتمىسىدە مۇنداق دېگەن: «ئالدامچىلىق ئۇسۇلى بىلەن ئامېرىكا كۆچمەنلەر تۈزۈمىدىن پايدىلانغان كىشىلەرنى تەكشۈرىمىز ۋە ئەرز قىلىمىز». تۈرلۈك «نىقاب» بىلەن ئامېرىكىغا بېرىپ بالا تۇغقان، پەرزەنتلىرىنى ئامېرىكا پۇقراسىلىق سالاھىيىتىگە ئېرىشتۈرگەنلەر ۋىزا ئالدامچىلىقى، پۇل يۇيۇش، سالاھىيەت ئوغرىلىقى ۋە تېلېگراف ئالدامچىلىقى قاتارلىق ئالاقىدار جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلىنىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ