
7 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنىدىن باشلاپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش ساھەسىدىكى تۇنجى ئۇل خاراكتېرلىك، ئۇنىۋېرسال خاراكتېرلىك قانۇن —«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش قانۇنى» رەسمىي يولغا قويۇلدى.
يېڭىدىن يولغا قويۇلغان ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش قانۇنىدا قۇتقۇزۇشنىڭ قاپلاش دائىرىسىنى كېڭەيتىلدى، «ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى گىرۋىكىدىكى ئائىلىلەر، مۇتلەق چىقىم قىلىشتا قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەر» يېڭىدىن كۆپەيتىلىپ قانۇندا بەلگىلەنگەن ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش ئوبيېكتى قىلىندى. بۇنىڭدىن باشقا، ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش ئوبيېكتلىرى يەنە ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بارلار، ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئالىدىغان ئائىلىلەر، ئاپەتكە ئۇچرىغانلار، ئاساسىي تۇرمۇشىدا ۋاقىتلىق ئېغىر قىيىنچىلىق كۆرۈلگەنلەر، كېسەللىك سەۋەبىدىن جىددىي قۇتقۇزۇشقا ئېھتىياجلىق بولغانلار ھەمدە تۇرمۇشتا پاناھسىز قېلىپ سەرگەردان بولۇپ يۈرگەنلەر قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ سەككىز تۈردىكى ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش ئوبيېكتى قانۇن بويىچە دۆلەت ۋە جەمئىيەتتىن ماددىي ياردەم ۋە قۇتقۇزۇش مۇلازىمىتىگە ئېرىشىش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ