چىڭخۇا داشۆسى خې XXنى ئوقۇشتىن چېكىندۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش قارارىنى چىقاردى

2026.07.02 15:14 مەنبە: خەلق تورى

يېقىندا، چىڭخۇا داشۆسى سانائەت ئىنژېنېرلىقى فاكۇلتېتى تور بېكىتى مۇنداق بىر ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلدى: سانائەت ئىنژېنېرلىقى فاكۇلتېتى 02-سىنىپىنىڭ تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىسى خې XXنى ئوقۇشتىن چېكىندۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش قارارى چىقىرىلدى.

ئۇقتۇرۇشتا كۆرسىتىلىشىچە،خې XX 2023-يىل 3-ئايدا يېرىم يىل ئوقۇشتىن توختاشنى ئىلتىماس قىلغان، 2023-يىللىق كۈزلۈك ئوقۇش مەۋسۇمىدا ئوقۇشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش رەسمىيىتىنى بېجىرىشى كېرەك ئىدى، مەكتەپ بەلگىلىگەن مۇددەت ئىچىدە ئوقۇشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىلتىماسى سۇنمىغان، شۆيۈەن، فاكۇلتېت كۆپ قېتىم ئالاقىلەشكەن بولسىمۇ جاۋاب قايتۇرمىغان.

«باشقا بارلىق يەتكۈزۈش ئۇسۇللىرىنى سىنىغان بولساقمۇ، بۇ ئۇقتۇرۇشنى يەتكۈزگىلى بولمىغاچقا، ئالاھىدە ئېلان چىقىرىپ يەتكۈزدۇق.» ئېلان چىقىرىلىپ 60 كۈن توشقاندا يەتكۈزۈلدى دەپ قارىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ