دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى: جۇڭگو-ياپونىيە مۇناسىۋىتى ئېغىر قىيىنچىلىققا دۇچ كەلدى، مەسئۇلىيەت پۈتۈنلەي ياپونىيەدە

2026.07.02 15:13 مەنبە: خەلق تورى

7 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى گو جياكۇن قەرەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى. بىر مۇخبىر يېقىنقى مەزگىلدىكى جۇڭگو ـ ياپونىيە ئىقتىساد ـ سودا مۇناسىۋىتى توغرىسىدا سوئال سورىدى. گو جياكۇن مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو تەرەپ كۆپ قېتىم ھازىر جۇڭگو-ياپونىيە مۇناسىۋىتى ئېغىر قىيىنچىلىققا دۇچ كەلدى، بۇنىڭ مەنبەسى ياپونىيە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش دائىرىلىرىنىڭ جۇڭگونىڭ تەيۋەن ۋە ھەربىي خەۋپسىزلىك ساھەسىگە ئالاقىدار بىر قاتار خاتا سۆز ـ ھەرىكەتلىرىدە، مەسئۇلىيەت پۈتۈنلەي ياپونىيە تەرەپتە، دەپ كۆرسەتتى. بىزمۇ سىزدىن شۇنى ئۈمىد قىلىمىزكى، ياپونىيە ھاكىمىيەت يۈرگۈزگۈچىلىرىدىن سوراپ باقسىڭىز، ئۇلار جۇڭگونىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىگە ھۆرمەت قىلىپ، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشنى توختىتالامدۇ-يوق؟ جۇڭگو-ياپونىيە تۆت سىياسىي ھۆججىتىنىڭ روھىغا قاتتىق ئەمەل قىلىپ، جۇڭگو-ياپونىيە مۇناسىۋىتىنىڭ سىياسىي ئاساسى ۋە ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقىنىڭ زۆرۈر مۇھىتىنى قوغدىيالامدۇ-يوق؟ خاتالىقىنى تۈزىتىش ئۈستىدە قايتا ئويلىنىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق جۇڭگو-ياپونىيە مۇناسىۋىتىنىڭ توغرا يولغا قايتىشىغا تۈرتكە بولۇش سەمىمىيىتىنى نامايان قىلالامدۇ-يوق؟

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ