
6-ئاينىڭ 30-كۈنى، غۇلجا ـ ئاقسۇ تۆمۈريولىدا پۈتۈن لىنىيە بويىچە قۇرۇلۇش باشلاندى، بۇ تۈردە 2032-يىل 12 ـ ئايدا پۈتۈپ قاتناش باشلىنىدۇ، شۇ چاغدا باشقا لىنىيەلەر بىلەن بىرلىكتە شىنجاڭ تۆمۈريولى چوڭ ئايلانما لىنىيەسى شەكىللىنىپ، جەنۇبىي شىنجاڭ بىلەن شىمالىي شىنجاڭ ئارىلىقىدا تۇرپاننى ئايلىنىپ ئۆتۈش تارىخىغا ئۈزۈل-كېسىل خاتىمە بېرىلىدۇ.
غۇلجا ـ ئاقسۇ تۆمۈريولى ئىلى ئوبلاستىنىڭ غۇلجا ۋوگزالىدىن باشلىنىپ، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، بىڭتۈەن 4-شىسىدىن ئۆتۈپ، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئاقسۇ ۋوگزالىغا تۇتىشىدۇ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 798 كىلومېتىر بولۇپ، جەمئىي 22 ۋوگزال تەسىس قىلىنغان.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ