ۋېيشىن داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئەپچىقىنىڭ چىراي پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارى مۇقىم ئەمەسمۇ؟ دۆلەت داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئىدارىسى ئىنكاس قايتۇردى

2026.07.01 15:45 مەنبە: خەلق تورى

دۆلەت داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئىدارىسىنىڭ ۋېيشىن سالونىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، دۆلەت داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئىدارىسى 6-ئاينىڭ 30-كۈنى سەمىمىي ئەسكەرتىش ئېلان قىلغان، يېقىندا، ئارقا سۇپىدا تېخنىكا جەھەتتە تەڭشەش ئېلىپ بېرىلغاچقا، ۋېيشىندىكى داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا ئالاقىدار ئەپچاقلارنىڭ چىراي پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىدا مۇقىمسىزلىق ئەھۋالى كۆرۈلۈشى مۇمكىن ئىكەن. ئەگەر سىز ئىشلىتىش جەريانىدا كۆپ قېتىم ئادەم يۈزىنى پەرقلەندۈرۈش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولمىسا، دۆلەت داۋالىنىش سۇغۇرتىسى مۇلازىمەت سۇپىسى APP سى، دۆلەت داۋالىنىش سۇغۇرتىسى مۇلازىمەت سۇپىسى جىفۇباۋ ئەپچىقى، يەرلىك داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئاممىۋى مۇلازىمەت سۇپىسى قاتارلىق ئالاقىدار ئىقتىدارلارنى ئىشلىتىشنى سىناپ باقسىڭىز ياكى تور سىرتىدىكى داۋالىنىش سۇغۇرتىسى مۇلازىمەت كۆزنىكىگە بېرىپ ئالاقىدار كەسىپلەرنى بېجىرسىڭىز بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ