
دۆلەت ئېنېرگىيە ئىدارىسى 6-ئاينىڭ 30-كۈنى «ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىگە ئېرىشىش» مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش خىزمىتى بويىچە پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنى ئاچتى. يىغىندا ئېلان قىلىنغان «جۇڭگو توك بىلەن تەمىنلەش تەرەققىيات دوكلاتى (2026)» (تۆۋەندە قىسقارتىپ «دوكلات» دېيىلىدۇ)دا كۆرسىتىلىشىچە، 2025-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، مەملىكەت بويىچە توك ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ سانى 783 مىليون 670 مىڭغا يەتكەن. جۇڭگو ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى ئابۇنىچىلىرىنىڭ سانى دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان.
«دوكلات»تا كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگونىڭ ئېلېكتىر تورىغا مەبلەغ سېلىش سالمىقى سىجىل ئاشقان. 2025-يىلى، مەملىكەت بويىچە ئېلېكتىر تورىغا 639 مىليارد 500 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان، بۇنىڭ ئىچىدە 110 كىلوۋولتلۇق ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن توك تەقسىملەش تورىغا سېلىنغان مەبلەغ يېرىمدىن ئېشىپ، 321 مىليارد 800 مىليون يۈەنگە يەتكەن. غول ئېلېكتىر تورى ۋە توك تەقسىملەش تورىنى مۇھىم ئاساس، ئەقلىي ئىقتىدارلىق مىكرو ئېلېكتىر تورىنى پايدىلىق تولۇقلىما قىلغان يېڭىچە ئېلېكتىر تورى قۇرۇلۇشى تېزلىتىلىپ، يېزا ۋە چەت، يىراق رايونلارنىڭ توك تەقسىملەش تورىدىكى ئاجىز ھالقىلار ئۈنۈملۈك تولۇقلىنىپ ۋە كۈچەيتىلىپ، بىخەتەر، ئىشەنچلىك ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى تەمىناتى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەنگەن.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ