شىنجاڭدىكى يەنە بىر يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا پات ئارىدا قاتناش باشلىنىدۇ

2026.06.30 10:57 مەنبە: خەلق تورى

6 ـ ئاينىڭ 26 ـ كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك قاتناش ـ تىرانسپورت ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، G3036 ئاقسۇ-ئارال يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىدا 7-ئاينىڭ 1-كۈنى سائەت 11 دە پۈتۈن لىنىيە بويىچە قاتناش باشلىنىدىكەن. قاتناش باشلانغاندىن كېيىن، ئاقسۇ شەھىرى بىلەن ئارال شەھىرىنىڭ بېرىش ـ كېلىش ۋاقتى زور دەرىجىدە قىسقىراپ، بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرۇلۇشى بىلەن رايون ئىقتىسادىنىڭ ماس، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ