
مۇخبىرىمىز ۋۇ جۈن
دابيېشەن تېغىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكى، خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ خۇڭئەن ناھىيەسى يېشىللىققا پۈركەنگەنىدى.
تۈن پەردىسى يېيىلدى، خۇڭئەن قەدىمىي شەھىرى. خۇڭئەن كىنو-تېلېۋىزىيە خىيالىي شەھەرچىسى مەنزىرە رايونىدا، چىراغ نۇرلىرىنىڭ ئاستا-ئاستا ئۆچۈشىگە ئەگىشىپ، تاغ-دەريا ھەقىقىي مەنزىرىسى ئويۇنى «خۇڭئەن. خۇڭئەن» باشلاندى. جاراڭلىق ئاتاكىغا ئۆتۈش سىگنالى كۆكنى يېرىپ ئۆتتى، ئاكۇستىك نۇر، ئېلېكتىر تېخنىكىسى جانلىق نامايان قىلىندى، كۆرۈرمەنلەر يۈكسەك دەرىجىدە ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن كۆرۈنۈشلەر ئىچىدە قاينام-تاشقىنلىق يىللارنى قايتا ئەسلىدى.
2024-يىل 11-ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ خۇبېيدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: «خاس كەسىپلەر ۋە كۆپ خىل تىجارەتنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى قېزىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىيات سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، كونا ئىنقىلابىي رايونلارنى گۈللەندۈرۈش، تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تېزلىتىش كېرەك.» «خۇبېينىڭ تارىخىي مەدەنىيەت ئاساسى چوڭقۇر، قىزىل بايلىقى مول، مەدەنىيەت بايلىقىنى قوغداش ۋە مەدەنىيەتنى يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى كۈچەيتىشتە بۇرچنى زىممىگە ئېلىش كېرەك.»
خۇڭئەن خۇاڭما قوزغىلىڭىنىڭ بۆشۈكى، خۇبېي ـ خېنەن ـ ئەنخۇي ئىنقىلابىي تايانچ بازىسىنىڭ مەركىزى بولۇپ، دۆلەت قۇرۇشقا قاتناشقان 200 دىن ئارتۇق قوماندان مۇشۇ يەردىن چىققان. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، خۇڭئەن دابيېشەن تېغى روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، كونا ئىنقىلابىي رايوننىڭ مەدەنىيەت بايلىقىنى چوڭقۇر قېزىپ، يېزا ئىگىلىكى، مەدەنىيەت، ساياھەتنى يۇغۇرۇش ئارقىلىق كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىشقا يېتەكچىلىك قىلىپ، قىزىل بايلىق ئەۋزەللىكىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇردى.
ئىنقىلابىي مەدەنىيەت يەر بەلگىلىرى كەڭ تارقالغان بولۇپ، خۇڭئەندە يۆتكىگىلى بولمايدىغان ئىنقىلابىي يادىكارلىق ئورنىدىن 200 گە يېقىن، قىزىل باش تېمىلىق كۆرگەزمە سارىيىدىن 33 ى بار. شۇ جاي 50 تىن ئارتۇق قىزىل مەدەنىيەت كىچىك تىياتىرى بەرپا قىلىپ، 350 كىلومېتىر ساياھەت تاشيولى ياساپ، تەتقىقات-ئۆگىنىش لىنىيەسىدىن ئالتىنى ئېچىپ، ئىنقىلابىي مەدەنىيەتنى تەتقىقات-ئۆگىنىش، ئويۇن قويۇش قاتارلىق كەسىپ ھالەتلىرى بىلەن چوڭقۇر يۇغۇرۇشقا ھەقىقىي تۈرتكە بولدى. 2025-يىلى، خۇڭئەن 10 مىليارد 350 مىليون يۈەن ئۇنىۋېرسال ساياھەت كىرىمىنى ئىشقا ئاشۇردى، كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 16 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئاشتى.
شەرقىي خۇبېي (خۇڭئەن) يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئاقىل ئەشيا ئوبوروتى باغچىسىدا، ئەشيا ئوبوروت ئاپتوموبىللىرى كىرىپ ـ چىقىپ، لاۋجۈنمېي چېيى، خۇڭئەن خاسىڭى، قولدا ئىشلەنگەن ياغلىق ئۇن قاتارلىقلارنى ھەرقايسى جايلارغا توشۇيدۇ. مەدەنىيەت ـ ساياھەت كەسپى ئېلىپ كەلگەن غايەت زور ساياھەتچىلەر ئېقىمىغا تايىنىپ، خۇڭئەن ھەرقايسى مەنزىرە رايونلىرىدا يېزا ئىگىلىك خاس مەھسۇلاتلىرىنى كۆرگەزمە قىلىپ سېتىش مەخسۇس پۇكىيى تەسىس قىلىپ، «بىر ناھىيەدە بىر مەركەز، بىر بازاردا بىر پونكىت، بىر كەنتتە بىر نۇقتا»دىن ئىبارەت ئۈچ دەرىجىلىك ئەشيا ئوبوروتى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، «ساياھەت، مال سېتىۋېلىش، كۆڭۈل ئېچىش» پۈتۈن مەنزىرە، پۈتۈن مۇھىت، پۈتۈن كۆرۈنۈشتە بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىپ، مەدەنىيەت ئارقىلىق يېزا ئىگىلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ساياھەت ئارقىلىق يېزا ئىگىلىكىنى گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت ياخشى ئايلىنىشنى شەكىللەندۈردى. 2025 ـ يىلى خۇڭئەن يېزىلىرىدا دائىم تۇرۇشلۇق ئاھالىلەرنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىم 18 مىڭ يۈەندىن ئاشتى، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.3 ئاشتى، خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى كىرىمىنىڭ يېزا ئاھالىلىرىنىڭ تىجارەت خاراكتېرلىك كىرىمىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى %18.9 كە يەتتى.
يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ئاچقۇچى پەن ـ تېخنىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە يېڭىلىق يارىتىشتا. خۇڭئەن ناھىيەسى رۈيفېڭ تېرىقچىلىق ـ باقمىچىلىق كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا كىرگىنىمىزدە، زەھەرسىزلەندۈرۈلگەن خۇڭشۇ مايسىلىرى ياپيېشىل، بۈك ـ باراقسان ئۆسكەنىدى. «بۇلارنىڭ ھەممىسى زەھەرسىزلەندۈرۈلگەن مايسىلار بولۇپ، ھەر مو يەردىن ئېلىنىدىغان ئەڭ يۇقىرى ھوسۇل 5700 جىڭ كېلىدۇ، ئىشلەپچىقىرىلغان خۇڭشۇنىڭ ئېتى يۇمشاق، بىر تۈپىنىڭ باھاسى پەقەت نەچچە موچەن بولۇپ، پۇقرالار سېتىۋالالايدۇ، تېرىشنى خالايدۇ، بېيالايدۇ. » ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ مەسئۇلى ياۋ فېڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: «بىز خۇاجۇڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسى بىلەن ھەمكارلىشىپ خۇڭئەن تياۋشۇ گۇرۇپپىسى يېتىشتۈرۈش، زەھەرسىزلەندۈرۈش مەركىزى قۇرۇپ، ئۇزاق مۇددەت ئۆستۈرۈش كەلتۈرۈپ چىقارغان ۋىرۇس يىغىلىپ قېلىش، سورت چېكىنىشتەك قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلدۇق.»
بۈگۈنكى كۈندە، خۇڭشۇ ئۇچى، خۇڭشۇ قېقىدىن خۇڭشۇ تالقىنىغىچە، خۇڭئەن خۇڭشۇسىدىن 120 نەچچە خىل ئىنچىكە پىششىقلانغان مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىلىپ، تېرىلغۇ كۆلىمى 300 مىڭ مودىن ئېشىپ، يىللىق ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارى 700 مىڭ توننىدىن ئېشىپ، 40 قا يېقىن پىششىقلاش كارخانىسىغا تۈرتكە بولۇپ، «جياڭشياڭخۇڭ»، «تياۋداگې» قاتارلىق 60 نەچچە خاس ماركىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك يېتىشتۈرۈپ، 120 مىڭدىن ئارتۇق دېھقان ئائىلىسىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولدى، «تياۋداگې ئارقىلىق ھەممە ئائىلىنى بېيىتىش» ئارزۇسى رېئاللىققا ئايلاندى.
خۇڭئەن مەۋقەنى بايلىق ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، يەنە جۇڭيى دورا ماتېرىياللىرى، تۇخۇم، كۆكتات قاتارلىق خاس كەسىپلەرنى ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، دۆلەت جۇغراپىيەلىك بەلگىسى قوغدىلىدىغان مەھسۇلاتتىن بەشىگە ئىگە بولدى.
خۇڭئەن ناھىيەسىنىڭ سۈيى سۈزۈك، تاغلىرى يېشىل، ئىنقىلابىي يەر بەلگىلىرى كۆزنى چاقنىتىدۇ، خاس كەسىپلەر ھاياتىي كۈچكە تولغان بولۇپ، كونا ئىنقىلابىي رايوندىكى ئاممىنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلاندى. 2025-يىلى، خۇڭئەن ناھىيەسىنىڭ رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 28 مىليارد 751 مىليون يۈەنگە يەتتى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ