
6-ئاينىڭ 29-كۈنى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى گو جياكۇن قەرەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى. مۇخبىر مۇنداق سوئال سورىدى: ۋېنېزۇئېلادا يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەندىن بۇيان، ئۆلگەن-يارىلانغانلارنىڭ سانى داۋاملىق ئاشتى. جۇڭگو تەرەپ ۋېنېزۇئېلادىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن قۇتقۇزۇشقا قانداق ياردەم بەردى؟
گو جياكۇن مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو ھۆكۈمىتى بۇنىڭدىن ئىلگىرى ۋېنېزۇئېلاغا نەق پۇل ياردىمى بېرىش ئاساسىدا، ۋېنېزۇئېلا تەرەپكە 100 مىليون يۈەنلىك خەلق پۇلى جىددىي ھەقسىز ماددىي ئەشيا ياردىمى قوشۇپ، يەر تەۋرەشتە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ۋە ئاپەتتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇشقا ئىشلىتىشنى ھەمدە تېزدىن ۋېنېزۇئېلاغا يەتكۈزۈپ بېرىشنى قارار قىلدى. جۇڭگو تەرەپ يەنە ۋېنېزۇئېلانى يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەن رايوننىڭ سۈنئىي ھەمراھ سۈرىتى بىلەن تەمىنلەپ، ۋېنېزۇئېلا تەرەپنىڭ يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشىنى مەدەت بىلەن تەمىنلىدى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ