جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 105 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلىدۇ

شى جىنپىڭ «1-ئىيۇل ئوردېنى»غا ئېرىشكۈچىلەرگە ئوردېن تارقىتىپ بېرىدۇ ھەم مۇھىم سۆز قىلىدۇ

2026.06.30 10:34 مەنبە: خەلق تورى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 105 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10 دا خەلق سارىيىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلىدۇ. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ «1-ئىيۇل ئوردېنى»غا ئېرىشكۈچىلەرگە ئوردېن تارقىتىپ بېرىدۇ ھەم مۇھىم سۆز قىلىدۇ.

يىغىندا يەنە مەملىكەت بويىچە مۇنەۋۋەر كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرى، مەملىكەت بويىچە مۇنەۋۋەر پارتىيە ئىشلىرى خىزمەتچىلىرى ۋە مەملىكەت بويىچە ئىلغار ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى تەقدىرلىنىدۇ.

مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى، شىنخۇا تورى يىغىننى نەق مەيداندىن بىۋاسىتە كۆرسىتىدۇ، خەلق تورى، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تورى، جۇڭگو تورى قاتارلىق مەركەزنىڭ نۇقتىلىق ئاخبارات تور بېكەتلىرى ۋە خەلق گېزىتىنىڭ ئابۇنىچىلار تېرمىنالى، شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ ئابۇنىچىلار تېرمىنالى، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئاخبارات ئابۇنىچىلار تېرمىنالى قاتارلىق يېڭى تاراتقۇ سۇپىلىرى ماس قەدەمدە ئۇلاپ تارقىتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ