جۇڭگو تۇنجى قېتىم كاسپىي دېڭىزىنىڭ شەرقىي قىرغاق رايونىغا بىۋاسىتە قاتنايدىغان قەرەللىك يولۇچى توشۇش ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئاچتى، ئۈرۈمچى-ئاقتاۋ خەلقئارا يولۇچى توشۇش ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئېچىلدى

2026.06.29 14:50 مەنبە: خەلق تورى

6-ئاينىڭ 27-كۈنى ئۈرۈمچى-قازاقىستان ئاقتاۋ خەلقئارا يولۇچى توشۇش ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئېچىلدى، بۇ ئۈرۈمچى بىلەن قازاقىستان ئارىسىدا بىۋاسىتە ئۇچىدىغان 4- ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى، شۇنداقلا جۇڭگونىڭ كاسپىي دېڭىزىنىڭ شەرقىي قىرغاق رايونىغا بىۋاسىتە قاتنايدىغان قەرەللىك يولۇچى توشۇش ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى تۇنجى قېتىم ئېچىشى ھېسابلىنىدۇ.

ئاقتاۋ قازاقىستاننىڭ غەربىي قىسمىدىكى مانگىستاۋ ئوبلاستىنىڭ مەركىزى، كاسپىي دېڭىزىنىڭ شەرقىي قىرغىقىغا جايلاشقان بولۇپ، بۇ دۆلەتنىڭ مۇھىم پورت شەھىرى، بۇ يەردە مول نېفىت بايلىقى ۋە ساياھەت بايلىقى بار بولۇپ، «كاسپىي دېڭىزى ساھىلىدىكى مەرۋايىت» دەپ تەرىپلىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ