ھەرقايسى رايونلار، تارماقلار، ئورۇنلار ئۆگىنىش تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇردى −

ئامما ئۈچۈن كۆپرەك ياخشى ئىش قىلىپ بېرىش، ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىش، قىيىن مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىپ بېرىش (توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىش)

2026.06.29 15:08 مەنبە: خەلق تورى

گېزىتىمىز مۇخبىرى

6-ئاينىڭ 24-كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ شەندۇڭ دېجوۋدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق كۆرسەتتى:«توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىشنى ئەڭ ئاخىرىدا خەلققە بەخت يارىتىشتا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.»

توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىش بويىچە ئۆگىنىش تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ھەرقايسى رايونلار، تارماقلار، ئورۇنلار «ئومۇم ئۈچۈن پارتىيە قۇرۇش، خەلققە بەخت يارىتىش، ئىلمىي تەدبىر بەلگىلەش، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەش» ئومۇمىي تەلىپىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، چوڭقۇر ئۆگىنىپ تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، پۇختا قەدەم بىلەن ئەمەلىي ئىشلەپ، ئامما ئۈچۈن كۆپرەك ياخشى ئىش قىلىپ بېرىپ، ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىپ، قىيىن مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىپ، پۇقرالارنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتتى.

دىققەت ئاساسىي قاتلامغا مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، مەسىلىلەر تەكشۈرۈپ تېپىپ چىقىلدى

ئامما ئايلانما ئورۇندۇقلار، چىنە-چەينەكلەر تىزىلغان ئىشخانىدا ئولتۇرۇپ چاي ئىچكەچ تەكلىپ بەردى، كادىرلار ئاڭلىغاچ ئىلتىماس-تەلەپلىرىنى خاتىرىلىدى، قايتىپ بارغاندىن كېيىن بىر-بىرلەپ تۈر تىزىملىكىگە ئايلاندۇرۇپ چىقتى.

دېجوۋ شەھىرى لىڭچېڭ رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ئىشىكنى ئېچىۋېتىپ تەربىيەلەشتە چىڭ تۇرۇپ، بايلىق، مۇلازىمەتنى كەنتلەرگە يۈزلەندۈردى، كادىرلار تۆۋەنگە بېرىپ، ئىشلارنى ئەمەلىي بېجىرىپ، «كىچىككىنە ئەمەلىي ئىش . زور بەخت» ماركىسىنى ياراتتى. كەنت ئاھالە كومىتېتىدىكى بىكار تۇرغان، بوش يەرلەرنى جانلاندۇرۇپ يەسلى قۇردى، «قوشنىلار يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنى» تەشكىللەپ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ماجىرالىرىنى مۇرەسسە قىلدى، كەنتتىكى بوش يەرلەرگە مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈش كىر يۇيۇش ئۆيى سالدى... تۈر تىزىملىكىدىن بىر-بىرلەپ ئۆچۈرۈلگەن تۈرلەر كەنت ئاھالىلىرىنىڭ بەخت ھېسابات تالونىغا ئايلاندى.

جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ شۈجوۋ شەھىرى فېڭشيەن ناھىيەسى جاۋجۇاڭ بازىرى داليۇجى كەنتىدىكى كەنت ئاھالىلىرى ناھايىتى رازىمەنلىك بىلەن مۇنداق دېدى: «ئالدىنقى مەزگىلدە بىز كەنت بېشىدىكى ئېرىق-ئۆستەڭلەرنى رېمونت قىلىش تەكلىپىنى بەرگەنىدۇق. بىرنەچچە كۈن ئۆتمەيلا، كادىرلار ئاممىنى يىغىپ فۇنكسىيەلىك تارماقلار بىلەن يۈزتۇرا كېڭىشىپ، ئېرىق-ئۆستەڭ تۇرۇبا تورىنى رېمونت قىلىش قۇرۇلۇشىنى بېكىتتى. بۈگۈنكى كۈندە، كەنتكە سۇ يىغىلىپ قېلىش، تېرىلغۇ يەرلەردىن سۇ چىقىرىش راۋان بولماسلىق مەسىلىسىنىڭ ھەممىسى ھەل قىلىندى.»

فېڭشيەن ناھىيەسى ئاساسىي قاتلام بىرىنچى سېپىنى سىياسىي نەتىجە قارىشىنى تەكشۈرىدىغان «ئاساسىي ئىمتىھان مەيدانى» قىلىپ، كېڭىشىش زالى، «كىچىك قاتلىما ئورۇندۇق» يىغىنى قاتارلىق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق، كۆپ تەرەپتىكى سۇبيېكىتلارنى يېزا-كەنت ئىدارە قىلىشقا سەپەرۋەر قىلىپ، ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ نەتىجە-ئۈنۈمىنى يېزا-كەنت ئىدارە قىلىشنىڭ ئۈنۈم-ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشتىكى كونكرېت ئەمەلىيەتكە ئايلاندۇردى.

سىچۇەن ئۆلكىسى گۇاڭيۈەن شەھىرى چىڭچۇەن ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى ھۆكۈمەت مەبلەغ سالغان تۈرلەرنى قالدۇرماي رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ، نۇقتىلىق خەلق تۇرمۇشى تۈرلىرىنى تولۇق قاپلىغان ھالدا رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ، تۈرلۈك گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى دەل جايىدا بېكىتتى. مۇشۇ ئاساستا تۈزىتىش، تۈزەشنى پۇختا تۇتۇپ، «ئاساسىي قاتلامدا مەسىلىلەرنى بايقاش، قاتلامغا، تۈرگە ئايرىپ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، ئىلتىماس-تەلەپلەرگە ۋاقتىدا ئىنكاس قايتۇرۇش» خىزمەت ئۇسۇلىنى يولغا قويۇپ، تۈرلۈك تۈزىتىش تەدبىرلىرىنى ئىنچىكە تەقسىملەپ، تۈزىتىشنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم بېرىشىگە تۈرتكە بولدى.

جايلارنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈلۈپ، تەرەققىياتقا كۈچ قوشۇلدى

ئەنخۇي ئۆلكىسى چۇجوۋ شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىدىكى مەسئۇل يولداشلار «تۆتنى ئاساسىي قاتلامغا يەتكۈزۈش»نى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، كارخانا مەسئۇللىرى بىلەن سۆھبەتلىشىپ، پىكىر-تەكلىپلەرنى توپلاپ، نەق مەيداندا بېجىرىشكە، بېجىرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىشقا تاپشۇرۇپ، مەسىلىلەرنى ئىز قوغلاپ ھەل قىلدى. شەھەر، ناھىيەلەر بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىپ كارخانىلارنى زىيارەت قىلىش، كەنتلەرگە كىرىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، پۈتۈن شەھەردىكى كۆلەمدىن يۇقىرى سىرتقا يۈزلەنگەن كارخانىلار، پەن-تېخنىكا تىپىدىكى كارخانىلار ۋە قىسمەن نۇقتىلىق يېڭىچە يېزا ئىگىلىك سۇبيېكىتلىرى، تىجارەتچى دېھقان ئائىلىلىرىنى كارخانىلارنى زىيارەت قىلىش، كەنتلەرگە كىرىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، «بىر جەدۋەل، بىر تىزىملىك» تۇرغۇزۇپ، دەرىجىگە، تۈرگە ئايرىپ مۇلازىمەت تىزىملىك دەپتىرى تۇتۇپ، تەرەققىياتتىكى توسۇق نۇقتىلارنى چوڭقۇر قېزىپ، ئەمەلىي بولغان كارخانىلارغا نەپ يەتكۈزىدىغان تەدبىرلەر ئارقىلىق سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇردى.

ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش جەريانىدا، لياۋنىڭ ئۆلكىسى داليەن شەھىرىنىڭ پۇلەنديەن رايونى «ئالدىن بېيىغانلار كېيىنكىلەرنى بېيىشقا يېتەكلەش، رايونلار ئورتاق بېيىش»تىن ئىبارەت تەرەققىيات يولى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، ھەرقايسى مەھەللە، ھەرقايسى كەنت پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى تۇتقا قىلىپ، كۈچلۈك كەنتلەر تۈرتكە بولۇش، كۆپ كەنت بىرلىشىپ تەرەققىي قىلىش قاتارلىق شەكىللەرنى قوللىنىپ، «ئورتاق بېيىش بىرلەشمە گەۋدىسى»دىن 39 نى تەشكىللەپ قۇردى، بۇ، يېمەكلىك زەمبۇرۇغى يېتىشتۈرۈش، كىيىم-كېچەك پىششىقلاش، يېزا-كەنت مەدەنىيەت-ساياھىتى قاتارلىق نۇرغۇن خاس كەسىپنى قاپلاپ، ماس تەرەققىي قىلىشتەك ياخشى ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈردى.

تاغ كۆپ، تېرىلغۇ يەر ئاز، جەنۇب، شىمال رايونلىرىنىڭ تەرەققىيات شارائىتى پەرقى كۆرۈنەرلىك، بۇ، جېجياڭ ئۆلكىسى جىنخۇا شەھىرىنىڭ ۋۇيى ناھىيەسى دۇچ كەلگەن تەرەققىياتتىكى قىيىن مەسىلە.

شۇڭا، ۋۇيى ناھىيەسى تاغلىق رايوننىڭ تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىشنى توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىش، ئورتاق بېيىشقا تۈرتكە بولۇشنىڭ بۆسۈش ئېغىزى قىلىپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ئۆز جايىغا ماس كېلىدىغان تەرەققىيات يولى ئۈستىدە ئىزدەندى. ئاساسىي مۇلازىمەت بىلەن تەمىناتىغا ئېرىشىش ئىمكانيىتى يېتەرلىك بولماسلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، پارتىيە قۇرۇلۇشى بويىچە بىرلىشىپ قۇرۇشنى ۋاسىتە قىلىپ، «خەلق تۇرمۇشى ئاپتوموبىلى» كۆچمە مۇلازىمەت مېخانىزمىنى يولغا قويۇپ، مەمۇرىيەت ئىشلىرى بويىچە بېجىرىش، داۋالاش بويىچە خالىس كېسەل كۆرۈش، خەلق تۇرمۇشىغا قولايلىق يارىتىش قاتارلىق ئىشلارنى بىراقلا تۆۋەنگە چۈشۈرۈپ، مۇلازىمەتنى ئىشىك ئالدىغىچە يەتكۈزدى.

پۇختا قەدەم بىلەن ئەمەلىي ئىشلەپ، خەلققە بەخت يارىتىلدى

تيەنجىن شەھىرى جىننەن رايونى بالىتەي بازىرى بالىفاڭ شىمالىي رايونىدا ئولتۇرۇشلۇق ۋاڭ ئەپەندى خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى:«يېڭى لىفىت ئورنىتىلدى، چىرايلىق ھەم بىخەتەر، ئۆيگە قايتقاندا ئەمدى ئېگىز بىناغا ياماشمايدىغان بولدۇق!» يېقىندا، بالىتەي بازىرىدا كونا لىفىتنى يېڭىلاش، ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى تاماملىنىپ، 24 لىفىت يېڭىدىن ئىشلىنىپ، ئاھالىلەرنى كۆپ يىللاردىن بۇيان قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان باش قېتىنچىلىقى ھەل بولدى.

جىننەن رايونى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىغا بولغان چۈشىنىشى، تونۇشىنى كۈچەپ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىش ئۇلىنى پۇختىلىدى. ئاممىنىڭ ئىنكاسى بىرقەدەر كۆپ بولغان ئۆي-جاي مۇلازىمىتى، مۇھىت تازىلىقى، كونا ئولتۇراق رايونلارنى ئۆزگەرتىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى مەسىلىلەرگە قارىتا، مىكرو ئۆزگەرتىش، مىكرو يېڭىلاش، مىكرو يۈكسەلدۈرۈشنى تۇتقا قىلىپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان بىر تۈركۈم مەسىلىلەرنى ھەل قىلدى.

ئۆگىنىش تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى تۇڭلياۋ شەھىرى مۇلازىمەت دائىرىسىنى دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ ئىشىكى ئالدىغىچە ئۇزارتىشقا ئەھمىيەت بەردى. يېزا، چارۋىچىلىق رايونلىرىنىڭ يېرى كەڭ، ئامما تارقاق ئولتۇراقلاشقان، ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىش ئىشلىرى كۆپ بولۇشتەك ئەمەلىي ئەھۋالغا قارىتا، «كۆپ تورنى بىرلەشتۈرۈش، بىر دائىرىدىن كۆپ خىل پايدىلىنىش»نى يولغا قويۇپ، 2103 مەھەللىنى 10 مىڭ 300 تورسىمان دائىرىگە ئايرىدى، دائىرىگە مەسئۇل خادىملارنى دائىملىق ئائىلىلەرگە كىرىپ زىيارەت قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار كىشىلەر توپىنىڭ ئەھۋالىنى ئومۇميۈزلۈك ئېنىقلاپ، مۇلازىمەت قىلىش-باشقۇرۇش تىزىملىك دەپتىرى تۇرغۇزۇپ، «نۇقتىدىن نۇقتىغا» ئالاقىلىشىش، مۇلازىمەت قىلىش خادىملىرىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئاممىنىڭ ئېھتىياجىغا ئىنكاس قايتۇرۇپ ھەل قىلدى.

جياڭشى ئۆلكىسى جيۇجياڭ شەھىرى شيۇشۇي ناھىيەسى ئاممىنىڭ رازى بولغان-بولمىغانلىقىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ ئۈنۈمىنى تەكشۈرۈشنىڭ مۇھىم ئۆلچىمى قىلىپ، يېزا-كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشتىكى نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى چىڭ كۆزلەپ، دىققەتنى ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ بىرىنچى سەپكە چۆكۈپ، خەلقنىڭ ئىلتىماس-تەلەپلىرىنى يۈزتۇرا توپلىشى ۋە ھەل قىلىشىغا تۈرتكە بولدى. ئىچىملىك سۇ، كەسىپ، ياشانغاندا كۈتۈنۈش، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى قاتارلىق خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ئە ئاچقۇچلۇق مەلىي ئىشلارنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، خەلقنىڭ ساداسىغا جەزمەن جاۋاب قايتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئۆگىنىش تەربىيەسىنى يولغا قويۇپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولدى.

«كۆپ يىللاردىن بۇيان كۈتكەن يولدا ئاخىر ئىش باشلاندى، بۇنىڭدىن كېيىن سىرتقا چىققاندا پاتقاققا دەسسىمەيدىغان بولدۇق.» يۈننەن ئۆلكىسى دالى بەيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى ياڭبى يىزۇ ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ ساڭشەنشى بازىرى بەيياڭ كەنتىدە 1500 مېتىر يولنى قاتتىقلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى رەسمىي باشلانغان بولۇپ، كەنت ئاھالىلىرى خۇشاللىقىنى باسالماي قالغانىدى.

ياڭبى ناھىيەسى كادىرلارنى يېزا-بازار، كەنت (مەھەللە)لەرگە چۈشۈشكە تەشكىللەپ، ئائىلىلەرگە كىرىپ زىيارەت قىلىشنى دائىملاشتۇرۇپ، قىيىنچىلىقنى دەل جايىدا ھەل قىلىپ، ئاممىنى قىيىنچىلىقتىن قۇتقۇزدى. «ئاددىي مەسىلىلەرنى نەق مەيداندا بېجىرىپ تاماملاش، كەنت دەرىجىلىك قىيىن مەسىلىلەرنى بازار دەرىجىلىك بىرتۇتاش پىلانلاش، مۇرەككەپ ئىشلاردا ناھىيە دەرىجىلىك بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىش» ئەندىزىسى بويىچە تۈرگە ئايرىپ بىر تەرەپ قىلىپ، مەسىلە تىزىملىكىنى ئامما ھېس قىلالايدىغان، مەنپەئەتكە ئېرىشەلەيدىغان نەتىجە-ئۈنۈم تىزىملىكىگە ئايلاندۇردى.

(گېزىتىمىز مۇخبىرلىرى شى يىچى، خەن جۈنجيې، ياڭ ۋېنمىڭ، ليۇ جۈنگو، لى جيادىڭ، شياۋ جياشىن، ۋۇ يۇڭ، سۇڭ خاۋشىن، خۇ جىڭيى، ۋاڭ دەن، بەي گۇاڭدى)

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ