
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 62-نۆۋەتلىك يىغىنىنىڭ ئاياللار ھوقۇقى مەسىلىسى مۇھاكىمە يىغىنى يېقىندا شىۋېيتسارىيەنىڭ جەنۋەدە ئېچىلدى، جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى شياۋمېي سۆز قىلىپ مەيدانىنى ئىزاھلىدى.
لى شياۋمېي مۇنداق دېدى: 6-ئاينىڭ 24-كۈنى ئايال دىپلوماتىيە ئەمەلدارلىرى خەلقئارا كۈنى، ئاياللار دىپلوماتىيە ئىشلىرىغا كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشتى. جۇڭگو تەرەپ ھەرقايسى ئايال دىپلوماتىيە ئەمەلدارلىرىنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىدى. جۇڭگو ئاياللارغا قارىتىلغان ھەرقانداق شەكىلدىكى زوراۋانلىق زىيانكەشلىكىگە قەتئىي قارشى تۇرىدۇ ۋە ئۇنىڭغا قاتتىق زەربە بېرىدۇ، ئاياللارغا قارىتىلغان زوراۋانلىقنى تۈگىتىدىغان بىرقەدەر مۇكەممەل قانۇنچىللىق نازارەتچىلىكى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىدۇ. جۇڭگو تەرەپ يېقىندا «دۆلەت كىشىلىك ھوقۇق ھەرىكەت پىلانى (2026-2030)»نى ئېلان قىلىپ، ئاياللار ۋە قىزلارنى قوغداش سىستېمىسىنى سىجىل مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پۈتۈن دۇنيادىكى ئاياللار، بالىلار ئىشلىرىغا تېخىمۇ كۆپ مۇقىملىق ۋە ئاكتىپ كۈچ قوشتى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ