
6 ـ ئاينىڭ 24-كۈنى سائەت 21 لەردە، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى 8 ـ شى شىخەنزە شەھەرلىك گۇڭئەن ئىدارىسى ئاممىنىڭ سۇغا چۈشۈپ كەتكەنلىك توغرىسىدىكى مەلۇماتنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، شيايېدى بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش رايونى گۇڭئەن ئىدارىسى سامېنزا ساقچىخانىسىنىڭ ساقچىلىرى دەرھال نەق مەيدانغا بېرىپ قۇتقۇزۇشنى قانات يايدۇردى.
ۋەقە يۈزبەرگەن جايدىكى ئۆستەڭنىڭ سۈيى شىددەتلىك بولۇپ، نەق مەيداندىكى قۇتقۇزۇش مۇھىتى مۇرەككەپ ۋە خەتەرلىك ئىدى. 25 ياشلىق ياردەمچى ساقچى يولداش جاۋ زىلۇڭ سۇغا چۈشۈپ كەتكەن ئاممىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قۇتقۇزۇش جەريانىدا، شىددەتلىك ئېقىۋاتقان ئۆستەڭ سۈيىدە تۆۋەنكى ئېقىنغا ئېقىپ كېتىپ بەختكە قارشى قۇربان بولدى. ئاخىرىدا، قۇتقۇزۇش خادىملىرىنىڭ بىردەك تىرىشچانلىقىدا، سۇغا چۈشۈپ كەتكەن ئامما مۇۋەپپەقىيەتلىك قۇتقۇزۇۋېلىندى.

6-ئاينىڭ 26-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، يولداش جاۋ زىلۇڭنىڭ جەسىتى بىلەن ۋىدالىشىش مۇراسىمى شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى 8-شى شىخەنزە شەھەرلىك دەپنە ئىشلىرى ئورنىدا ئۆتكۈزۈلدى. ئۇزىتىشقا كەلگەن خەلق ساقچىلىرى، ياردەمچى ساقچى ۋەكىللىرى، ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ۋە ھايات ۋاقتىدىكى يېقىن دوستلىرى رەتلىك تىزىلىپ ھۆرمەت بىلدۈرۈپ تۇرۇپ، چوڭقۇر ياد ئېتىپ، كۆزىگە ياش ئالغان ھالدا يولداش جاۋ زىلۇڭنى ئاخىرقى قېتىم ئۇزىتىپ قويدى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ