
مۇخبىرلىرىمىز ليۇ شىنيەن، جېڭ ياڭياڭ
يازنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، سەنشىنىڭ لۈلياڭ شەھىرى شىڭشيەن ناھىيەسىدىكى سەيجيايا كەنتىدە، سەنشى-سۈييۈەن پاسىل رايونى ئىنقىلابىي خاتىرە سارىيىدا چۈشەندۈرگۈچى كاڭ يەنخۇڭ كونا سۈرەتلەر، ئىنقىلابىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ، ساياھەتچىلەرگە سەنشى-سۈييۈەن پاسىل رايونىدىكى ئىنقىلابىي ئۆتمۈشنى سۆزلەپ مۇنداق دېدى: «ئەينى يىلى 8-ئارمىيە لۈلياڭ پۇقرالىرى بىلەن مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ جەڭ قىلىپ، ئۆچمەس تۆھپىلەرنى ياراتقان.»
2017-يىل 6-ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ سەنشىدە تەكشۈرۈشتە بولغاندا سەنشى-سۈييۈەن پاسىل رايونى ئىنقىلابىي خاتىرە سارىيىغا كېلىپ مۇنداق تەكىتلىدى: «ئىنقىلابىي ئۇرۇش يىللىرىدا، لۈلياڭ ئوغۇل-قىزلىرى ئىسسىق قېنى ۋە ھاياتى ئارقىلىق ئۇلۇغ لۈلياڭ روھىنى تاۋلىدى. بىز بۇ خىل روھنى ھازىرقى دەۋردە ئىشلىتىپ، پۇقرالارنىڭ بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى ئۈچۈن داۋاملىق كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك.»
باش شۇجىنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، لۈلياڭ شەھىرى لۈلياڭ روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، قىزىل گېننى تىپ ئۆزگەرتىپ دەرىجە ئۆستۈرۈش، ئەمەلىي ئىشلەپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش ئىشەنچىگە ئايلاندۇرۇپ، كونا ئىنقىلابىي رايونلارنىڭ كونا قىياپىتىنى يېڭىلاپ، پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشىنى تېخىمۇ ياخشىلىدى.
سەنشى-سۈييۈەن پاسىل رايونىنىڭ مەركىزىي شەھىرى تۇرۇشلۇق جاي بولۇش سۈپىتى بىلەن، لۈلياڭ سەنشى-سۈييۈەن پاسىل رايونىدىكى ئىنقىلابىي مەدەنىيەتنىڭ ئىچكى خاس مەزمۇنىنى چوڭقۇر قېزىپ، قىزىل مەدەنىيەت ساياھىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، قىزىل ئەسلىمىلەرنى ھېس قىلدۇردى.
ھازىرقى سەيجيايا كەنتىنىڭ كەنت ئېغىزىدىكى پاتقاق، توپا يوللار تەكشى مەنزىرە يولىغا ئۆزگەردى، كونا كېسەك ھويلىلار كۆك خىش، كۈل رەڭ كاھىشلىق ئۆزگىچە پۇقراۋى قونالغۇغا ئۆزگەرتىلىپ، نۇرغۇن ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى. كەنتتە دېھقانلار ئارامگاھى تىجارىتى قىلىدىغان جاڭ جيەنگونىڭ ئېيتىشىچە، ساياھەتنىڭ ئاۋات مەزگىلىدە ئۇنىڭ ئائىلىسى كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 200 دىن ئارتۇق ساياھەتچىنى كۈتۈۋالىدىكەن، كۆپچىلىك ئىشىك ئالدىدىلا «بېيىش قاچىسى»نى چىڭ تۇتقان.
«ئىنقىلابىي كونا جاينى ياخشى قوغداپ، ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ، قىزىل بايلىقنى بېيىش بايلىقىغا ئايلاندۇردى.» سەيجىيا كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بەي ياڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن پۈتۈن كەنت ئورتاق بەھرىلەندى، بۇلتۇر كەنتنى تەبىئىي گاز بىلەن تولۇق قاپلاش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، 60 ياشتىن ئاشقان ياشانغانلار ھەر يىلى 1000 يۈەن ياشانغاندا كۈتۈنۈش ياردەم تولۇقلىمىسى ئالالايدۇ، داشۆگە ئۆتكەن ئوقۇغۇچىلار 2000 يۈەن ئوقۇش ياردىمى رىغبەتلەندۈرۈشىگە ئېرىشەلەيدۇ.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، لۈلياڭ بايلىققا تايىنىۋېلىشنى تۈگىتىپ، يىرىك تەرەققىيات يولىدىن قۇتۇلۇپ، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەرنىڭ قەد كۆتۈرۈشىگە تۈرتكە بولدى.
شىڭشيەن ناھىيەسىنىڭ ئىقتىساد ـ تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدىكى سەنشى جۇڭرۈن ئاليۇمىنچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا، 960 سېلسىيە گىرادۇسلۇق ئېلېكتىرولىزلانغان ئاليومىن سۇيۇقلۇقى ئېلېكتىرولىزلاش سېخىدىن چىقىرىلغاندىن كېيىن، بىۋاسىتە ھىم ئېتىلگەن كۆتۈرمە ئاپتوموبىلغا قاچىلىنىپ، مەخسۇس توشۇش يولىنى بويلاپ ئېرىتىش پېچىغا بىۋاسىتە يەتكۈزۈلۈپ، يۇقىرى-تۆۋەن ئېقىندىكى ئىش تەرتىپلىرى زىچ جىپسىلاشتۇرۇلدى. «بىز يىلىغا 500 مىڭ توننا ئېلېكتىرولىزلانغان ئاليومىن سۇيۇقلۇقى ئىشلەپچىقىرىپ، باغچە رايونىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىغا بىۋاسىتە يەتكۈزۈپ، ئېنېرگىيە سەرپىياتى، ئەشيا ئوبوروتى تەننەرخىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەتتۇق» دېدى شىركەتنىڭ ئېلېكتىرولىزلانغان ئاليومىن ئىشلەپچىقىرىش بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى چېڭ جىچياڭ. بۈگۈنكى كۈندە باغچە رايونى ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ئاچقان 700 مېگاپاسكال دەرىجىدىن تاشقىرى يۇقىرى چىداملىق ئاليومىن قېتىشمىسىدا، دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن يۇقىرى دەرىجىلىك ئاليومىن ماتېرىياللىرىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، مەخسۇس ئاۋىياتسىيە-ئالەم قاتنىشى، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل ساھەسىگە تەمىنلەندى.
ئاليۇمىن رۇدىسى بايلىقىغا تايىنىپ، لۈلياڭ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق زەنجىرنى ئۇزارتىپ، زەنجىرنى تولۇقلاپ، «ئاليۇمىن رۇدىسى-ئاليۇمىن ئوكسىدى-ئېلېكتىرولىزلانغان ئاليۇمىن-ئاليۇمىن ئاساسىدىكى يېڭى ماتېرىيال» پۈتۈن زەنجىرلىك كەسىپ سىستېمىسىنى بەرپا قىلدى، 2025 ـ يىلى لۈلياڭ شەھىرىنىڭ ئاليۇمىن-ماگنىي كەسپىنىڭ ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى 45 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ، 100 مىليارد يۈەن دەرىجىلىك ئاليۇمىن ـ ماگنىي توپى، مەملىكەت بويىچە ئاليۇمىن ئاساسىدىكى يېڭى ماتېرىيال يېڭى يۇقىرى پەللىگە قاراپ پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرىلىدى.
ئەنئەنىۋى كەسىپلەر يېڭىلىنىپ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلۈپ، يېڭى ئېنېرگىيە تېز سۈرئەتتە بۆسۈش ھاسىل قىلدى. 2025-يىل 3-ئايدا، لۈلياڭ دۆلەتنىڭ يېقىلغۇ باتارېيەلىك ئاپتوموبىلنى ئۈلگە كۆرسىتىپ قوللىنىش شەھەر توپىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك قوشۇلۇپ، ھىدروگېن ئېنېرگىيەسى كەسپىدە يارقىن نۇقتىلارنى ئارقا-ئارقىدىن بارلىققا كەلتۈردى. «كۆمۈر، تەبىئىي گاز ۋە شامال، يورۇقلۇق بايلىقىغا تايىنىپ، لۈلياڭنىڭ ھىدروگېن ئىشلەپچىقىرىشتىكى تەننەرخ ئەۋزەللىكى كۆرۈنەرلىك بولۇپ، شىمالدىكى ھىدروگېن ئېنېرگىيەسى كەسىپ بازىسىنى كۈچەپ قۇرماقتا» دېدى لۈلياڭ شەھەرلىك سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باش ئىنژېنېرى ۋاڭ رۇڭچى.
ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىدى. بەش يىلدىن بۇيان، لۈلياڭ شەھىرىنىڭ رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 200 مىليارد يۈەن ۋە 250 مىليارد يۈەندىن ئىبارەت ئىككى پەللىگە كۆتۈرۈلۈپ، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 78 مىڭ يۈەندىن ئاشتى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ